赛事规程

维文喀什噶尔赛鸽俱乐部2015年秋“庆祝杯”第五届幼鸽特比环大奖赛暨普通双关鸽王赛规程

发表时间:2015-02-19 11:02:45   浏览数:1196   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

 

2015-يىلى كۈزلۈك  بەشىنچى نۆۋەتلىك «تەنتەنە ››   لوڭقىسىنى تالىشىش نۇۋەس كەپتەر 300 ۋە 400 كىلومىتىرلىق ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى قوش ئۆتكەللىك كەپتەر شاھى تاللاش مۇسابىقە قائىدىلىرى

1. ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كولۇبى  

2. مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن: ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتە جەميىتى ،

 قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى.

3.كۇلۇبىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغانلىغىنىڭ 60يىللىقىنى قىزغىن تەنتەنە قىلىش يۇزىسىدىن بۇ قىتىمقى قوش ئۆتكەللىك كەپتەر شاھى تاللاش مۇسابىقسى ئىلىپ بىرىلىدۇ.

4. بۇ قىتىمقى مۇسابىقە قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە بولۇپ( 200يۇەنلىك  ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە  بىرىنچى ئۆتكەل  300كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن بىرگە ئىلىپ بىرىلىدۇ؛100 يۇەنلىك  ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە  ئىككىنچى ئۆتكەل  400كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن بىرگە ئىلىپ بىرىلىدۇ) ھەر بىر ئۆتەل مۇسابىقىدە كەپتەرلەرنىڭ دەرجىسى مىنۇتلۇق تىزلگىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىېۋى بويۇنچە تىزىلىدۇ. قوش ئۆتكەل مۇسابىقەدە بىرىچى ئۆتكەل ۋە ئىككىچى ئۆتكەل مۇسابىقىسىنىڭ مىنۇتلۇق تىزلىگىنى ئۆز ئارا قوشۇش ئارقىلىق كەپتەر پادىشاسىدىن ئۇچ دەرجە ئايرىپ چىقىرلىدۇ.

5. مۇكاپات ئومومى سوممىسى ۋە ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا باھاسى، تارقىتىش ئۇسۇلى، ھالقا سانى:

بۇ قىتىمقى ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتنىڭ ئومومى چىكى بەلگىلەنمەيدۇ.سىتىلغان ئالاھىدە ھالقا ئومومى پۇل سوممىسىنى ئاساس قىلىپ پىرسەنلەشتۇرۇش شەكلى بويىنچە مۇكاپات تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.

300كىلومىتىرلىق ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىنىڭ دانىسى 200يۈەن، 400 كىلومىتىرلىق ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىنىڭ دانىسى 100يۈەن،10دانە سىتىۋالسا ئككى دانە سوۋغا قىلىنىدۇ. 20دانە سىتىۋالسا تۆت دانە سوۋغا قىلىنىدۇ.مۇشۇ ئۇسۇل بويۇنچە سىتىلىدۇ.بىكىتىلگەن ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىغا بولسا: جوڭگۇ پۇشتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ياساپ تارقاتقان ھالقا بولۇپ،

ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسى قانچىلىك سېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئالاھىدە ھالقا سىتىلغان ئومومى سانى سىتىلغان ئومومى پۇل سوممىسى ۋە  ھەربىر ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،ھالقا سانى، ھالقا سىتىلغان پۇل سوممىسى، مۇكاپات سوممىسىنى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ باشقۇرۇش ساقلاپ بىرىش كىلىشىمنامىسى، كۇلۇپنىڭ تور بىتىدە ئۇزۇن مەزگىل ئاشكارلىنىدۇ. قالغان ئالاقىدار ئىشلار قەشقەر توققۇز ساراي سەيلىگاھى يىنىدىكى كۇلۇپ ئىشخانىسىدا بىجىرلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا سىتىۋىلىش مەخسىتى بار دوسلار بولسا تۆۋەندىكى دوسلار بىلەن  ئالاقىلاشقايسىز:

يالقۇن مەمەتئىمىن:تىلفۇن-13899127752

ئىزىزجان داۋۇت:تىلفۇن-13779847710

6. مۇسابىقە ۋاقتى:

(1) سالاھىيەت مۇسابىقە ۋاقتى

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00 .

(2)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00

(3)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:

2015-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00 دىن ئەتىسى كەچ سائەت-19:00

7. مۇسابىقىدە كەپتەر قويۇپ بىرىش ئورۇن بىلەن قەشقەر شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقى:

(1) مارالبىشى قارقىچىن تۇرمە،تۈز سىزىقلىق   ئارلىقى 180±10  كىلومىتىر.سالاھىيەت مۇسابىقىسى بىر قېتىم ئېلىپ بىرىلىدۇ.  

(2) يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە شاخور ئورمانچىلىق مەيدان  300±10 كىلومىتىردىن بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .

(3)  ئاقسۇ ئاۋات ناھيە غوراچۆل بازار تەۋەسى   400±10 كىلومىتىر ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .

8. كەپتەر يىغىش ۋاقتى، ئورنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى

(1) › كەپتەر يىغىش  ئورنى: توققۇز ساراي رىستۇران دەرۋازا ئالدى ئوڭ تەرەپ 50مىتىر كۇلۇپ ئىشخانىسى ئالدىدا

 (2) سالاھىيەتنى بىكىتىش مۇسابىقە كەپتەر يىغىش ۋاقتى:

 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 14:00 گىچە، ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقە بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم جەدىۋەلگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.بوران چاپقۇن يامغۇر ياققان تەقدىرمۇ مەشغۇلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ.(ئادەتتىكى ياكى ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق ھەربىر كەپتەردىن 20 يۈەندىن ھەق ئېلىنىدۇ) .

(3)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:

 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 16:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.

(4)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 9:00 – 12:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.

 (5) مۇسابىقە كۈنى ئەگەر ناچار ھاۋا كىلىماتىغا ئۇچراپ قالسا، كەپتەرلەر قايتۇرۇپ كىلىنىپ، مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بىرىلىش ۋاقتىنى كۇلۇپ ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.

(6) مۇسابىقە ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا كۇلۇپنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇختۇرغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ.

8. مۇكاپات سوممىسىنى تەخسىملەش ئۆلچىمى

(1) 200يۇەنلىك ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپات سوممىسى سىتىلغان ئومومى ھالقا پۇل   سوممىسىنى يۇز پىرسەنت مۇكاپات سوممىسى قىلىپ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

4—5

6—10

11—50

51-80

10%

7%

5%

3%

2%

1%

0.75%

 

 (2) 100يۇەنلىك ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپات سوممىسى سىتىلغان ئومومى ھالقا پۇل   سوممىسىنى يۇز پىرسەنت مۇكاپات سوممىسى قىلىپ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

4—5

6—10

11—50

51-80

10%

7%

5%

3%

2%

1%

0.75%

 

(3)بىرىنجى ئۆتكەل 300 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسى 22200 مىڭ يۈەن.

 

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

10-4

50-11

3000

2000

1000

600

300

 

(4)ئككىنجى ئۆتكەل 400 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسى 52 مىڭ يۈەن.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

4—10

11—50

51—80

4000

3000

2000

1000

600

400

 

 

 

(5)قوش ئۆتكەل كەپتەر پادىشاسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 6000يۇەن

ئۈچىنجى

ئككىنجى

چىمپىيۇن

1000

2000

3000

 

(6) بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزىمى قوللىنىلمايدۇ. ئۈنۈملۈك مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى كەپتەر ئۆزى ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتقا ئىرشىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ۋاختى قەرەردە دەرجە توشمىسا قىپ قالغان قالدۇق مۇكاپات سوممىسى شۇ قىتىمقى ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە قەپەزگە چىققان كەپتەرلەرگە تەڭ تەخسىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەگەر كەپتەر كەلمىسە، ئومومى مۇكاپات سوممىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەپەزگە چىققان ئالاھىدە ھالقىلىق  كەپتەرگە تەڭ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى قوللىنىلمايدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كەپتەر كەلمىسە ياكى ئالدىنقى 80 نىڭ نەتىجىسى توشمىغان بولسا  قالدۇق مۇكاپات سوممىسى   كىلەر قىتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسىغا قوشۇۋىتىلىدۇ.

(7) كۆرسەتكەن كەپتەرنى ئايرىم مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: يىغىلغان پۇلنىڭ %90 نى مۇسابىقە مۇكاپات ئاساس فوندى قىلىپ مۇكاپات تارقىتىپ بىرلىدۇ. %10 نى كۇلۇبىمىز پائاليەت راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قالىدۇ. ھەربىر كەپتەرنى 100 يۈەنلىك، 200 يۈەنلىك ئىككى خىل مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. %90 يغىلغان پۇلنىڭ %50 تىنى چىمپىيون، %30 تىنى ئىككىنجى بولغان ، %20 تىنى ئۈچۈنجى بولغان كەپتەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

(8) بىر قوللۇق ئالىدىغان مۇكاپات يىغىلغان پۇل سوممىسىنىڭ %90 نى ئاساس قىلىپ چىمپىيون %100مۇكاپات سوممىسىغا ئىرىشىدۇ. ئومومى مۇكاپات سوممىسىنىڭ %10 تى كۇلۇبنىڭ تەشكىللەش راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

9. مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :

 ‹1› بۇقىتىمىلىق مۇسابىقە جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ (2002) يىلىدىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رىپىرلىق ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2›مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم قۇما ئورنىنى GPS تە ئۆلچەتكەن بولىشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن 2015 يىللىق ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرغان بولىشى،  ئەنجيې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سائەت بولۇشى كىرەك.غەيرى كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلنىدۇ.

 ‹3› مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە جۇڭگو پوچتا كەپتەرلەر جەمئيىتىدىن تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا سېلىنىشى كىرەك. ھالقا كارتىسى بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

‹4› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىىلار مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرشى لازىم. ھالقا نۇمۇرى ،پەي رەڭگى ،جىنس ئايرىمىسى ،كۆز رەڭگى خاتا تولدۇرسا،مەزمۇنىنى چۇشۇرۇپ قويسا، ئۆزگەرتسە،شۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز. 

‹5›مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ قۇما ئادىرىسىنى ئۆلچەتكۇزگەن بولۇشى، ئۆلچىگەن ئورۇن بوشلۇقتىكى گىرادۇس ئارلىق بىلەن بىردەك بولۇشى كىرەك. ئەگەر ئۆزگىرىش بولسا، ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

‹6›ھەر قىتىمقى مۇسابىقىنى ئۇچتىن ئارتۇق كۇلۇپ ئەزاسى ۋەكىل بولۇپ كەپتەر يىعىش، قويۇپ بىرىش قاتارلىق پۇتۇن جەرياننى سىنئالغۇغا ئالىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق كىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.ئەگەر ساقتا قىلمىش بايقالسا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولسا ،پاش قىلغۇچغا 1000يۇەن (مىڭ يۇەن) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ھەم شۇ كىشىنىڭ مەخپىيەتلىگى ساقلىنىدۇ.

10.ئۆزىنى مەلۇم ئۇسۇلى:

‹1›بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى ئىشلىتىلىدۇ.

‹2› ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان ئەزالار چوقۇم ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى  ،ئۇسكىنە شىفىر نۇمۇرىنى كۇلۇپقاتەمىنلىشى ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تولۇق ئىگەنلگەن بولۇشى ھەم كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشى كىرەك.

‹3›ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەپچىل، تىز،ۋاقىت،كۇچ تىجەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.لىكىن ئوبىكتىپ سەۋەپلەرنىڭ چەكلىشى سەۋەپلىك بەزى بى نۇرمال ئەھۋاللار كۆرلۇشى مۇمكىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى چوقۇم ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنى ئشلىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان خەۋىپ خەتەرنى ئۆزى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك. مەسىلەن:مەشغۇلات خاتالىقى ،توك توختاپ قىلىش،ئالاقە ئۇچۇر سىگىنالى راۋان بولماسلىق سان سىفىر يوللاش سۇرئىتى ئاستا بولۇش ،سان سىفىر يوق بولۇپ كىتىش ماگىنىتلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا سىكانىرلانماسلىق ياكى ئىلىكتۇرۇنلۇق ماگىنىتلىق ھالقا چۇشۇپ قىلىش ،بۇزۇلۇپ كىتىش قاتارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.بۇ ئىشلارغا كۇلۇبىمىز مەسئۇل بولمايدۇ.دوسلارنىڭ چۇشەنمىگەن تىخنىكىلىق مەسىلىلەر بولسا ئەنجىيى شىركىتىنىڭ تىخنىك خادىم شياۋياڭ بىلەن ئالاقىلىشىڭ:13958044432

‹4›كەپتەر مۇسابىقىسىدە ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم                         قىلغان لىكىن ئۇنۇملىك ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قەرەلىدە سان ئۇچۇرمەركىزى سانلىق ئامبىرىغا يوللانمىغان بولسا ھەر قانداق سەۋەپ بولشىدىن قەتئىي نەزەر مۇسابىقە نەتىجىسى ھىساپلانمايدۇ.ھەم مۇسابىقە دەرىجىسىگە كىرگۇزۇلمەيدۇ. 

‹5›بۇ قىتىمىقى مۇسابىقىدە كۇلۇبىمىز تارقاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئىشلىتىلىدۇ.(ئەزالار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئەنجې شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن  ئۆزەك ئۇچۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھالقا  بولىشى كىرەك).كەپتەر ئىگىسى چوقۇم مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىشتىن ئۈچ كۇن بۇرۇن مۇسابىقىگە سالماقچى بولغان كەپتەرنىڭ ماس ئۇچۇرلىرى كىرگۇزۇلگەن ئۈزۈك سانلىق ئۇچۇرىنى مەركىزى سانلىق باش ئامبارغا يوللاپ بىرشى كىرەك.كەپتەر يغقان كۇنىى سان ئۇچۇرنى يوللاش ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش شارائىتى يوق.

‹6›بۇقىتىمقى  مۇسابىقىدە ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تورغا ئۇلىنىدۇ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى 24سائەت ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سانلىق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ،مۇسابىقىە مىنۇتلىق تىزلىگى بويۇنچە ھساپلىنىدۇ.

 ئەنجى شىركىتىنىڭ تور ئادىرىسى:

 http://www.aj52.com/   

11. تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزىۋىلىپ دەرجىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇش        

 (1)بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ھەم تەسىر دائىرسى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەيئىتىمىز ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ سىناق ئىلىپ بارسا بولىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى شەرتسىز تەكشۈرۈپ سىناشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. ئەگەر كەپتەر ئىگىسى رەت قىلسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ماسلاشمىسا شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئومومى ئۇختۇرۇش قىلىپ جامائەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. ئا ۋە ب ئىككى قۇمىدا كەپتەر بىقىپ ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن2015 -يىلى8-ئاينىڭ 1-كۇنى (شەنبە) ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرتەكشۇرۇپ دەلىللىنىپ قانتىغا مەخپى تامغا ئۇرلۇپ كۇلۇپ ئىشخانا ئالدىدا خادىملارنىڭ نازارىتى ئاستىدا نەخ مەيداندا قويۇپ بىرلىدۇ. ئالدىنقى نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرنى كۇلۇپنىڭ تىلفۇن قىلىپ ئۇختۇرشى بىلەن كۇلۇپ ئىشخانىسىغا 30مىنىۇت ئىچىدە ئەكىلىپ رىپپىرلارنىڭ  تەكشۇرشىنى قوبول قىلىشى كىرەك.  كۇلۇبىمىز ئەھۋالغا قاراپ نەتىجىگە ئىرشكەن كەپتەرلەرنىڭ قۇمىسىغا بىرىپ تەكشۇرۇپ دەلىللەش ئىلىپ بارىدۇ.

 (2)ئەگەر مۇسابىقە نەتىجىسگە باشقىچە پىكىر بولسا ، دەسلەپكى نەتىجە ئىلان قىلغان شۇ كۈنى يازما يۇسۇندا ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ .ئەرز شىكايەت زاكالەت پۇلىغا 1000 يۈەن ئېلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەرز مۇۋەپەقىيەتلىك بولسا زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.ئەگەر مەغلۇپ بولسا زاكالەت پۇلى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

12. مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى :

(1) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 80-لىككىچە ئىرىشكەنلەر،ئادەتتىكى بىرىنجى ئۆتەكەل مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 50-لىككىچە، ئادەتتىكى ئككىنجى ئۆتەكەل مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 80-لىككىچە ئىرىشكەن كەپتەرلەر،قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەر پادىشالىرى  ئۇچۇق ئاشكارا مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ.ئەگەر نەتىجىگە ئىرىشكەن ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەريەنە ئادەتتىكى ئككىنجى ئۆتكەللىك مۇسابىقىغا قاتناشسا، ناۋاداكەپتەر يۇتۇپ كەتسە ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپات سوممىسىنىڭ 20% تۇتۇپ قىلنىدۇ.ئادەتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسىىنىڭ%20نى كۇلۇبىمىز پائالىيەت راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى تولۇق تارقىتىپ بىرىلىدۇ. سېتىلىدىغان كەپتەرلەر ئالدىن قان نەسەپنامىسىنى تەييارلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك.ئالدىنقى ئۈچ كەپتەرگە ئالىي لوڭقا ھەم تەقدىرنامە ، مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەر مۇسابىقىدىن كىيىن ئۆلۈپ قالسا، كەپتەر ئىگىسى كەپتەرنىڭ ھالقىسى، ئىسپات كارتىسىنى ئېلىپ كىلىپ   د ەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسىىنىڭ%20 نى تاپشۇرۇپ مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقىسى كەپتەر پادىشالىرىنىڭ  چىمپىيون، ئىككىنجى، ئۈچۈنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسى 2000 يۈەن،ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقەۋە ئادەتتىكى تاق ئۆتكەللىك مۇسابىقىنىڭ  چىمپىيون، ئىككىنجى، ئۈچۈنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن، قالغانلىرىنىڭ بىردەك 500 يۈەن بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان پۇلنىڭ %20 تىنى كۇلۇپ پائالىيەت راسخوتى قىلىپ ئېلىپ قالىدۇ. قالغان %80 پۇل كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ.  ئەگەر نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەر سېتىلماي قالسا كەپتەر ئىگىسى كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسىنىڭ %20 تىنى تاپشۇرۇپ كەپتەرنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.

(2) كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان ئورۇن ۋاقىت ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات سوممىسى ھەم لوڭقىلار نەق مەيداندا تارقىتىپ بىرىلىدۇ.ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلىدىن نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سىتش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىسە كەپتەر ئىگىسىنىڭ بارلىق ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلنىپ تارقىتىپ بىرىلمەيدۇ.

13. كەپتەر يىغىش مۇسابىقە ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ئەگەر ئالدىن ئۇقىقىلى مولچەرلگىلى بولمايدىغان يۇقۇم ۋابا ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمەلىرى بىلەن توقۇنۇش بولۇپ مۇسابىقە نۇرمال ئۆزۋاقتىدا ئىلىپ بىرىلماي قالسا، مۇسابىقە ۋاقتى  ئايرىم بىكىتىلىپ ئاندىن مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرخىل ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان، توسۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھادىسىلەردىن كىلىپ چىققان بارلىق زىيانغا،كۇلۇبمىزنىڭ تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. پەقەت ئالاھىدە ھالقىلىق مۇكاپات ئۈزۈك پۇلى بىلەن ئالاھىدە كۆرسىتىپ بىكىتىپ ئوينىغان پۇل ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.

14. مۇكاپات ئېلىشتىن كىلىپ چىققان باجغا، مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشى مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىدۇ.

15.مۇسابىقىگە قاتنىشىش خەۋىپ خەتىرى بار ئىش، ھالقا سېتىۋالغاندا ئىھتىيات بىلەن سېتىۋىلىڭ. مۇسابىقىگە قاتنىشىش تامامەن ئۆز رازىلىق بىلەن بولىدۇ. باشقا دىيىلمىگەن ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت كۇلۇپنىڭ تور بىتىگە دىققەت قىلىڭ.

قەشقەر بەيگە كۇلۇپ تور ئادىرىسى :

http://jlb.chinaxinge.com/default2.asp?jlb_id=971

مۇسابىقىنىڭ ئادىل، ئاشكارا، سۈزۈك بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىت قۇرۇلدى، ھەيئەتلىرى ئارسىلان ئابىلىز، ئابلىمىت سۇلايمان، ئابلىمىت سەيدىن، يالقۇن مەمەتئىمىن، شىجىن لىن، چېن يۇ ،جاڭ جەنشوڭ،  ئەزىزجان داۋۇت،  لىۋايىدىن ئارسىلان،رىن يۇڭلى، ھۈسەنجان ئىمام ، دوڭ پىڭ،ئابىدىرىشىت ئابىلىكىم ،موختەر ئۇرايىم،قاسىمجان ياسىن قاتارلىق 15 ئادەمدىن تەركىپ تاپتى. مۇسابىقىىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا ھەيئەتلەرنىڭ %75 دىن ئارتۇقراقى قوشۇلغاندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە.

16. بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قەشقەر بەيگە كەپتەركۇلۇبى « كۈزلۈك بەشىنچى نۆۋەتلىك «تەنتەنە››لوڭقىسىنى تالىشىش   نۇۋەس كەپتەر ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى قوش ئۆتكەللىك كەپتەر پادىشاسى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىتىغا تەۋە.

ئالاقىلاشقۇچىلار: يالقۇن    13899127752

ئەزىزجان  13779847710

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

 

 

   

 

 

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
评论列表
用户名: 密码:     立即注册