赛事规程

维文喀什噶尔赛鸽俱乐部2011年秋首届“希望杯”奖赛规程

发表时间:2011-08-23 16:32:20   浏览数:1641   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区
已阅读3436次

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ 2011- يىللىق كۈزلۈك (ئۈمىد لوڭقىسى)

مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ قائىدە تەرتىۋى

 

1. ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى.

2.مەبلەغ خەۋىپ خەتىرىگە كاپالەت قىلعۇچى :شىرئەلى ئابدۇرشىت

3. مۇسابىقە ۋاقىتى:

‹1›تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى: 2011-يىلى9- ئاينىڭ 25- كۈنى.

‹2›ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى: 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى ‹شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:00 دىن كەچ سائەت 7:00-گىچە›

4. مۇسابىقە ئارىلىقى:

‹1›100كىلومىتىرلىق سالاھيتىنى بىكىتىش بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلىدۇ.

 ‹2› 170 كىلومىتىرلىق تاللاش مۇسابىقىسى بىر قىتىم. (قويۇپ بىرىش ئورنى پەيزىۋات باش مەيدان)

‹3› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قىتىم.(قويۇپ بىرىش ئورنى 53-پولىك)

5. مۇسابىقە قائىدىسى ۋە تەلىۋى :

‹1› بۇقىتىمىلىق مۇسابىقە جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ (2002) يىلىدىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رىپىرلىق ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇشى، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسى(GPS) گىرادۇس ۋە قۇما نۇمۇرى ئىنىق ئۆلچەنگەن بولۇشى كىرەك. ئەكسىچە بولۇپ قالسا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

‹3› مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە جۇڭگو پوچتا كەپتەرلەر جەمئيىتىدىن تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا سېلىنىشى كىرەك.

‹4› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىىلار مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرشى لازىم. خاتا تولدۇرسا شۇ تۇردىكى نەتىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

‹5› مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ قۇما ئادىرىسىنى ئۆلچەتكۇزگەن بولۇشى، ئۆلچىگەن ئورۇن بوشلۇقتىكى گىرادۇس ئارلىق بىلەن بىردەك بولۇشى كىرەك. ئەگەر ئۆزگىرىش بولسا، ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

‹6›ھەر قىتىمقى مۇسابىقىنى ئۇچتىن ئارتۇق كۇلۇپ ئەزاسى ۋەكىل بولۇپ كەپتەر يىعىش، قويۇپ بىرىش قاتارلىق پۇتۇن جەرياننى سىنئالعۇعا ئالىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق كىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.ئەگەر ساقتا قىلمىش بايقالسا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەمىليەتكە ئۇيعۇن بولسا ،پاش قىلعۇچىعا 10000يۇەن (ئون مىڭ يۇەن) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ھەم شۇ كىشىنىڭ مەحپىيەتلىگى ساقلىنىدۇ.

6. كەپتەر يىغىش ۋاقتى ۋە ئورنى:

‹1› كەپتەر يىغىش  ئورنى: ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازا ئالدى سەينا.

‹2›تاللاش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىشتىن بۇرۇن ،تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھيىتىنى بىكتىش ئىلىپ بىرلىدۇ ۋە بەلگە تامعا ئۇرلىدۇ.  بۇنىڭعا ھەق ئىلىنمايدۇ. كۇلۇپ تۇزگەن مەشىقلەندۇرۇش پىلان ۋاقىت ئاساس قىلنىدۇ.لىكىن شەحسى مەشىق قىلدۇرعان ياكى كۇلۇپتا بىر تۇتاش مەشىقلەندۇرگەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر چوقۇم كۇلۇپنىڭ قەپىزىدە بىر قىتىم 100كىلومىتىردىن قويۇپ بىرىلىشى شەرت.  

‹3› تاللاش مۇسابىقىسىگەكەپتەر يىغىش ۋاقتى ۋە ھەق ئىلىش ئۆلچىمى: 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 3:00دىن 7:00گىچە، كەپتەرنى كىچىكىپ ئىلىپ كەلگۇچىلەرنى ساقلىمايدۇ. ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل. بىر كەپتەرگە 15 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹4› ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 3:00دىن 7:00گىچە ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىر كەپتەرگە 30 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹5› مۇسابىقە ئىلىپ بىرىىلىدىغان كۈنى ھاۋارايىدا ئۆزگۇرۇش بولسا كۈلۈبىمىز كەپتەر قويۇپ بىرىش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ.

‹6›ئەگەر مۇسابىقىدە ئوزگۇرۇش بولسا كۇلۇبىمىزنىڭ يىڭى چىقارغان ئۇقتۇرىشى ئاساس قىلىنىدۇ.

7.مۇكاپات تارقىتىش ئۆلچىمى: (ئومومى مۇكاپات سوممىسى 60000مىڭ يۈەن). (ئاتمىش مىڭ يۇەن)

‹1›تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئومومى مۇكاپات سوممىسى (6100يۇەن) (ئالتىمىڭ بىر يۇز يۇەن) بىرىنجى دەرجە 1500يۈەن ئككىنجى دەرجە 1000يۈەن ئۈچچىنجى دەرجە500يۈەن تۆتىنجىدىن ئونىنجىگىچە‹4-10› 300يۈەن ئون بىرىنجى دەرجىدىن يىگىرمىنجىگىچە‹11-20›100يۇەن بىرلىدۇ.

‹2› ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئومومى مۇكاپات سوممىسى (53900يۇەن) (ئەللىك ئۉچ مىڭ توققۇز يۇز يۇەن)

 بىرىنجى دەرجە 6000يۈەن ئككىنجى دەرجە 4000يۈەن ئۈچچىنجى دەرجە2000يۈەن تۆتىنجىدىن ئونىنجىگىچە‹4-10› 1300يۈەن ئون بىرىنجى دەرجىدىن ئوتتۇزىنجىگىچە ‹11-30›800يۈەن ئوتتۇزبىرىنجىدىن ئەللىگىنجىگىچە ‹31-50›500يۈەن ئەللىگىنجىدىن سەكسىنىنجىگىچە ‹51-80› 200يۈەن ‹81›800 يۇەن بىرىلىدۇ. بىرىنجى،ئككىنجى،ئۈچىنجى بولغان كەپتەرلەرگە لوڭقا ۋە تەقدىرنامە تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.تۆتىنجىدىن سەكسىەن بىرىنجى يەنى‹4-81› بولغان كەپتەرلەرگە مۇكاپات ۋە تەقدىرنامە تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ. ‹كىتەرلىك راسخوتنى كۇلۇبىمىز ئۆز ئۇستىگە ئالىدۇ›.

تاللاپ كۆرسىتىلگەن يەككە كەپتەرلەر مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ئومومى پۇل سوممىسىنىڭ 10پىرسەنتى كۇلۇبىمىزنىڭ تەشكىللەش ھەققى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ. قالغان90پىرسەنتى مۇكاپات سومما ئاساسى قىلىنىپ تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.مۇكاپات بىرىش ئۇسۇلى:بىرىنجى دەرجىگە 40پىرسەنت ئككىنجى دەرجىگە20پىرسەنت ئۈچىنجى دەرجىگە 10پىرسەنت تۆتىنجىدىن ئونىنجىگىچە‹4-10›30 پىرسەنتتى تەڭ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

8.مۇسابىقىدىن كەلگەن كەپتەرلەرنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى:

‹1›يۇنفىي ماركىلىق قولدا باشقۇرلىدىغان سائەت ئىشلىتىلىدۇ.كەلگەن كەپتەرنى ۋاقتىدا ئىلىپ كىلىشى سائەتنى رەت تەرتىۋى بويۇنچە ئايلاندۇرۇپ رەت نۇمۇرىنى سىلىشى رەت ئارلىقى بوش قالماسلىقى كىرەك.بوش قالسا كىيىنكى كەپتەر نەتىنجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئككى دانە سائەت ئىشلەتكەندە ،ئككىنجى سائەتتىكى بىرىنجى كەپتەرنىڭ كەلگەن ۋاقتى بىرىنجى سائەتتىكى ئاخىرىداكەلگەن كەپتەرنىڭ ۋاقتىدىن ئىشىپ كەتمەسلىگى كىرەك.‹بۇرۇن بولماسلىقى›مەخپى نۇمۇرلۇق چاپلاقنى سائەت تەرتىپ نۇمۇرىدىكى سۇلياۋغا يۆگەپ چاپلاپ سۇلياۋ ئىغىزىنى پەسكە قارتىپ سائەتكە سىلىشى كىرەك.سائەتنى قۇرۇق ئايلاندۇرۋىتىشكە بولمايدۇ.قۇرۇق ئايلاندۇرۋەتكەنلەرنىڭ نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.سائەتنىڭ ۋاقتى 120مىنۇت بولۇپ بۇ ۋاقىتتىن ئىشىپ كەتسە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.‹بىكار قىلىنىدۇ›

‹2›سائەتتە مەسىلە كۆرۇلۇپ كومپىيۇتىرغا قوبۇل بولمىسا سائەت ئىگىسى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.كومپىيۇتىر سائەتنى تونىمىغان شارائىتتا مۇسابىقە نەتىجىسى قولدا ھىساپلىنىدۇ.

‹3›سائەتتىن مەسىلە كۆرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى مۇسابىقىدىن بۇرۇن سائەتنى تەكشۇرتۇپ پىچەت سالدۇرشى كىرەك.پىچەت ئورنى بۇزۇۋىتىلسە ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

9. بۇقىتىمقى مۇسابىقىدە ھەقىقى ئىسىم قوللۇنۇش تۇزۇمى يولغا قويۇلىدۇ، كەپتەر باققۇچى دوسلار كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ كىرسە ئىسم فامىلىسى، كەپتەر باقىدىغان قۇما ئادىرىسى،مۇقۇم تىلفۇن نۇمۇرى،قول تىلىفۇن نۇمۇرى قاتارلىقلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىرەك.

10.تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزىۋىلىپ دەرجىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇش :

‹1›كۇلۇپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئالدى كەينىدە ھەرقانداق قۇمىنى ھەر خىل شەكىلدە ھەر خىل ئۇسۇلدا تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش ھوقوقى بولىدۇ.ئەگەر كەپتەر باققۇچى تەكشۇرۇشكە ماسلاشماي ،تەكشۇرۇپ ئىنىقلاشنى رەت قىلسا كەپتەر باققۇچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتى ئىلىپ تاشلىنىپ،مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.

‹2›مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولمىغانلار مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىنغان كۈنى 1000 يۈەن (مىڭ يۇەن) تاپشۇرۇپ 3كۇن ئىچىدە دەۋا قىلىسا بولىدۇ. دەۋا توغرا بولۇپ غەلىبە قىلسا 1000 يۈەن زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ. دەۋا مەغلۇپ بولسا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

11. مۇكاپات تارقىتىش ۋە باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ئۇسۇلى:

‹1› مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئالدىنقى 81 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرلەر ئاشكارا باھا تالاشتۇرۇلۇپ سىتىلىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سىتىشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى دەرىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ قان نەسەبى، بۇرۇن ئالغان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ ئەكىلىشى كىرەك. بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچچىنجى بولغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن (مىڭ يۇەن) بولۇپ، قالغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 500 يۈەن بولىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سىتىلغان كەپتەرلەرنىڭ پۇلى %80 بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرلىدۇ. %20 پۇلى تەشكىللىگۇچى ئورۇنغا راسخوت قىلىنىدۇ. سىتىلمىغان كەپتەرلەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش پۇلىنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسىنىڭ %20 بويىچەتاپشۇرۇپ، كەپتەرنى 3كۇن ئىچىدە ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.

‹2›بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە بىردىن بىر كەلگەن كەپتەرنى ئومومى مۇكاپات سوممىسى بىلەن مۇكاپاتلاش تۇزۇمى قوللىنىلمايدۇ.ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىچىدە كەپتەرلەر كەلمىسە بۇقىتىمقى مۇسابىقە  مۇكات سوممىسى كىلەر قىتىملىق مۇكاپاتلىق ئومومى مۇكاپات سوممىسىغا قىتىۋىتىلىدۇ.كىلەر قىتىملىق مۇكاپات سوممىسى بۇقىقتمقى مۇكاپات ئومومى سوممىسىدىن ئككى ھەسسە مىقداردا مۇكاپات تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2› باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ۋاقىتى، ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات ۋە لوڭقىلار نەخ مەيداندا تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن كەپتەرنى سىتىش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىگەنلەرنىڭ بارىلىق مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

12. ھەر قانداق ئويلىمىغان سەۋەپلەر ۋە ئامىللار تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان زىيانغا كۇلۇبىمىز ئىگە بولمايدۇ (زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ).

13. باشقا ئالاقىدار ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

14. ئەگەر كەپتەر باقىدىغان دوسلارنىڭ چۇشەنمىگەن تەرەپلىرى ۋە پىكىرى بولسا:

  نىزامىدىن: 13899179090

يالقۇن: 0998__2220123

15. بۇ مۇسابىقە قائىدە تەرتىپلىرىنى چۇشەندۇرۇش ھوقوقى قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىغا مەنسۇپ.

 

تۈزگۈچى ئورۇن:

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى



免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
评论列表
用户名: 密码:     立即注册