赛事规程

维吾尔文喀什噶尔赛鸽俱乐部2014年特比环赛和普赛规程

发表时间:2014-05-11 8:13:53   浏览数:1020   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

 

2014-يىلى كۈزلۈك تۆتىنجى نۆۋەتلىك «چوڭ مۇكاپاتلىق›› نۇۋەس كەپتەر  300 كىلومىتىرلىق ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە قائىدىلىرى

1. ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كولۇبى  

2. مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن: ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتە جەميىتى ،

 قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى.

3. بۇ قىتىمقى مۇسابىقە قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە بولۇپ(ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقە  بىرىنجى ئۆتكەل  300كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن بىرگە ئىلىپ بىرىلىدۇ) ھەر بىر ئۆتەل مۇسابىقىدە كەپتەرلەرنىڭ دەرجىسى مىنۇتلۇق تىزلگىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىېۋى بويۇنچە تىزىلىدۇ.قوش ئۆتكەل مۇسابىقەدە كەپتەر پادىشاسىدىن ئۇچ دەرجە ئايرىپ چىقىرلىدۇ.

4. مۇكاپات ئومومى سوممىسى ۋە ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا باھاسى، تارقىتىش ئۇسۇلى، ھالقا سانى:

بۇ قىتىمقى ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتنىڭ ئومومى چىكى بەلگىلەنمەيدۇ.سىتىلغان ئالاھىدە ھالقا ئومومى پۇل سوممىسىنى ئاساس قىلىپ پىرسەنلەشتۇرۇش شەكلى بويىنچە مۇكاپات تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.

ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىنىڭ دانىسى 100يۈەن،10دانە سىتىۋالسا ئككى دانە سوۋغا قىلىنىدۇ. 20دانە سىتىۋالسا تۆت دانە سوۋغا قىلىنىدۇ.مۇشۇ ئۇسۇل بويۇنچە سىتىلىدۇ.بىكىتىلگەن ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىغا بولسا: جوڭگۇ پۇشتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ياساپ تارقاتقان ھالقا بولۇپ، ھالقا  بۆلەك نۇمۇرى 162001-30-2014 دىن 163000-30-2014 گىچە بولىدۇ.

ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسى قانچىلىك سېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئالاھىدە ھالقا سىتىلغان ئومومى سانى سىتىلغان ئومومى پۇل سوممىسى ۋە  ھەربىر ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقىسىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ھالقا نۇمۇرى بۆلۈكى سىتىلغان پۇل سوممىسى، مۇكاپات سوممىسىنى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ باشقۇرۇش ساقلاپ بىرىش كىلىشىمنامىسى، كۇلۇپنىڭ تور بىتىدە ئۇزۇن مەزگىل ئاشكارلىنىدۇ. قالغان ئالاقىدار ئىشلار قەشقەر توققۇز ساراي سەيلىگاھى يىنىدىكى كۇلۇپ ئىشخانىسىدا بىجىرلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقە ھالقا سىتىۋىلىش مەخسىتى بار دوسلار بولسا تۆۋەندىكى دوسلار بىلەن  ئالاقىلاشقۇچىلار:

يالقۇن مەمەتئىمىن:تىلفۇن-13899127752

ئىزىزجان داۋۇت:تىلفۇن-13779847710

مەخمۇتجان راخمان-18197674440

5. مۇسابىقە ۋاقتى:

(1) سالاھىيەت مۇسابىقە ۋاقتى

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00 .

(2)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى (يەكشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00

(3)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋاقتى:

2014-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 7:00-19:00

6. مۇسابىقىدە كەپتەر قويۇپ بىرىش ئورۇن بىلەن قەشقەر شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقى:

(1) مارالبىشى قارقىچىن تۇرمە،تۈز سىزىقلىق   ئارلىقى 180±10  كىلومىتىر.سالاھىيەت مۇسابىقىسى بىر قېتىم ئېلىپ بىرىلىدۇ.  

(2) يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە شاخور ئورمانچىلىق مەيدان  300±10 كىلومىتىردىن بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .

(3)  ئاقسۇ ئاۋات ناھيە غوراچۆل بازار تەۋەسى   400±10 كىلومىتىر ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قېتىم .

7. كەپتەر يىغىش ۋاقتى، ئورنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى

(1) › كەپتەر يىغىش  ئورنى: توققۇز ساراي رىستۇران دەرۋازا ئالدى ئوڭ تەرەپ 50مىتىر كۇلۇپ ئىشخانىسى ئالدىدا

 (2) سالاھىيەتنى بىكىتىش مۇسابىقە كەپتەر يىغىش ۋاقتى:

 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 14:00 گىچە، ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقە بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم جەدىۋەلگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.بوران چاپقۇن يامغۇر ياققان تەقدىرمۇ مەشغۇلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ.(ئادەتتىكى ياكى ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق ھەربىر كەپتەردىن 20 يۈەندىن ھەق ئېلىنىدۇ) .

(3)بىرىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:

 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 12:00 – 14:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.

(4)ئككىنجى ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىدىغان ۋاقتى:

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چاشەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 10:00 – 12:00 گىچە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىلەن ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئايرىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ.

 (5) مۇسابىقە كۈنى ئەگەر ناچار ھاۋا كىلىماتىغا ئۇچراپ قالسا، كەپتەرلەر قايتۇرۇپ كىلىنىپ، مۇسابىقىنىڭ ئېلىپ بىرىلىش ۋاقتىنى كۇلۇپ ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىدۇ.

(6) مۇسابىقە ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولسا كۇلۇپنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇختۇرغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ.

8. مۇكاپات سوممىسىنى تەخسىملەش ئۆلچىمى

(1)ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە مۇكاپات سوممىسى سىتىلغان ئومومى ھالقا پۇل سوممىسىنى يۇز پىرسەنت مۇكاپات سوممىسى قىلىپ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

4—5

6—10

11—50

51-80

10%

7%

5%

3%

2%

1%

0.6%

(2)بىرىنجى ئۆتكەل 300 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

10-4

50-11

2000

1500

1000

500

300

 

(3)ئككىنجى ئۆتكەل 360 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسى 42 مىڭ يۈەن.

چىمپىيۇن

ئىككىنجى

ئۇچىنجى

4—10

11—50

51—80

4000

3000

2000

1000

500

200

 

 

 

(4)قوش ئۆتكەل كەپتەر پادىشاسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 5000يۇەن

ئۈچىنجى

ئككىنجى

چىمپىيۇن

1000

1500

2500

 

(5) بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەر بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزىمى قوللىنىلىدۇ.ئەگەر ئۈنۈملۈك مۇسابىقە ۋاقتى ئىچىدە چىمپىيون شەخسەن ئۆزى ئومومى مۇكاپات سوممىسىنىڭ %80 تىگە ئىرىشىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ۋاختى قەرەردە ئىككىدىن ئارتۇق كەپتەر نەتىجىگە كىرسە لىكىن ئالدىنقى 80 نىڭ نەتىجىسى توشمىغان بولسا كەلگەن كەپتەرلەر ئۆزى ئېلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتىنى ئالغاندىن سىرت، قىپقالغان قالدۇق مۇكاپات سوممىسى كەلگەن كەپتەرلەرگە تەڭ تەخسىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەگەر كەپتەر كەلمىسە، ئومومى مۇكاپات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالاھىدە ھالقىلىق  كەپتەرگە تەڭ تەخسىملەپ بىرىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە بىردىن بىريالغۈز كەلگەن كەپتەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى قوللىنىلمايدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كەپتەر كەلمىسە ياكى ئالدىنقى 80 نىڭ نەتىجىسى توشمىغان بولسا  قالدۇق مۇكاپات سوممىسى   كىلەر قىتىمقى ئادەتتىكى مۇسابىقىگە مۇكاپات سوممىسىغا قوشۇۋىتىلىدۇ.

(6) كۆرسەتكەن كەپتەرنى ئايرىم مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: يىغىلغان پۇلنىڭ %90 نى مۇسابىقە مۇكاپات ئاساس فوندى قىلىپ مۇكاپات تارقىتىپ بىرلىدۇ. %10 نى كۇلۇبىمىز پائاليەت راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قالىدۇ. ھەربىر كەپتەرنى 100 يۈەنلىك، 200 يۈەنلىك ئىككى خىل مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. %90 يغىلغان پۇلنىڭ %50 تىنى چىمپىيون، %30 تىنى ئىككىنجى بولغان ، %20 تىنى ئۈچۈنجى بولغان كەپتەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

(7) بىر قوللۇق ئالىدىغان مۇكاپات يىغىلغان پۇل سوممىسىنىڭ %90 نى ئاساس قىلىپ چىمپىيون %100مۇكاپات سوممىسىغا ئىرىشىدۇ. ئومومى مۇكاپات سوممىسىنىڭ %10 تى كۇلۇبنىڭ تەشكىللەش راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

9. مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى :

 ‹1› بۇقىتىمىلىق مۇسابىقە جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ (2002) يىلىدىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رىپىرلىق ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2›مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم قۇما ئورنىنى (GPS )تە ئۆلچەتكەن بولىشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن 2014 يىللىق ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرغان بولىشى قولىدا ئەنجيې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە يۇنفىي ماركىلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۇرلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بولۇشى كىرەك.غەيرى كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلنىدۇ.مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن قەشقەر شەھەرنىڭ خەلق مەيداننى مەركەز قىلغان 30كىلومىتىر دائىردىكى قۇما ئىگىلىرى مۇسابىقىگە ئۆز نامى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.

‹3› مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە جۇڭگو پوچتا كەپتەرلەر جەمئيىتىدىن تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا سېلىنىشى كىرەك. ھالقا كارتىسى بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

‹4› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىىلار مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرشى لازىم. ھالقا نۇمۇرى ،پەي رەڭگى ،جىنس ئايرىمىسى ،كۆز رەڭگى خاتا تولدۇرسا،مەزمۇنىنى چۇشۇرۇپ قويسا، ئۆزگەرتسە،شۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز. 

‹5› مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ قۇما ئادىرىسىنى ئۆلچەتكۇزگەن بولۇشى، ئۆلچىگەن ئورۇن بوشلۇقتىكى گىرادۇس ئارلىق بىلەن بىردەك بولۇشى كىرەك. ئەگەر ئۆزگىرىش بولسا، ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

‹6›ھەر قىتىمقى مۇسابىقىنى ئۇچتىن ئارتۇق كۇلۇپ ئەزاسى ۋەكىل بولۇپ كەپتەر يىعىش، قويۇپ بىرىش قاتارلىق پۇتۇن جەرياننى سىنئالعۇعا ئالىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق كىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.ئەگەر ساقتا قىلمىش بايقالسا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەمىليەتكە ئۇيعۇن بولسا ،پاش قىلعۇچىعا 1000يۇەن (مىڭ يۇەن) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ھەم شۇ كىشىنىڭ مەحپىيەتلىگى ساقلىنىدۇ.

 

10. .كەپتەر كەلگەندە  ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى:

1)بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە قوش رىلىس تۇزۇمىدىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش شەكلى قوللىنىلىدۇ.يەنى ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە يۇنفىي ماركىلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۇرلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيتى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ.ئوخشاشلا كۇچكە ئىگە.بىر كەپتەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىكى ئككى خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلغان سان سىپىرنىڭ كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن،چوقۇم بىر خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش كىرەك.ئككى خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تەڭ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىش بىرلا ۋاقىتتا ئىلىپ بىرلىدۇ.لىكىن ئايرىم رەسمىيەت ئۆتۇلىدۇ.

2) ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان ئەزالار چوقۇم ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تولۇق ئىگەنلگەن بولۇشى ھەم كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشى كىرەك.

3)ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەپچىل، تىز،ۋاقىت،كۇچ تىجەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.لىكىن ئوبىكتىپ سەۋەپلەرنىڭ چەكلىشى سەۋەپلىك بەزى بى نۇرمال ئەھۋاللار كۆرلۇشى مۇمكىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى چوقۇم ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنى ئشلىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان خەۋىپ خەتەرنى ئۆزى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك. مەسىلەن:مەشغۇلات خاتالىقى ،توك توختاپ قىلىش،ئالاقە ئۇچۇر سىگىنالى راۋان بولماسلىق سان سىفىر يوللاش سۇرئىتى ئاستا بولۇش ،سان سىفىر يوق بولۇپ كىتىش، ماگىنىتلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا سىكانىرلانماسلىق ياكى ئىلىكتۇرۇنلۇق ماگىنىتلىق ھالقا چۇشۇپ قىلىش ،بۇزۇلۇپ كىتىش قاتارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.بۇ ئىشلارغا كۇلۇبىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. تىخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز ئەنجى شىركىتىدىكى شىياۋ ياڭ بىلەن ئالاقىلىشىڭ:13958044432

4)كەپتەر مۇسابىقىسىدە ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان لىكىن ئۇنۇملىك ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قەرەلىدە سان ئۇچۇر مەركىزى سانلىق ئامبىرىغا يوللانمىغان بولسا ھەر قانداق سەۋەپ بولشىدىن قەتئىي نەزەر مۇسابىقە نەتىجىسى ھىساپلانمايدۇ.ھەم مۇسابىقە دەرىجىسىگە كىرگۇزۇلمەيدۇ.

5)بۇ قىتىمىقى مۇسابىقىدە كۇلۇبىمىز تارقاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئىشلىتىلىدۇ.(ئەزالار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئەنجې شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھالقا  بولىشى كىرەك).كەپتەر ئىگىسى چوقۇم مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىشتىن ئۈچ كۇن بۇرۇن مۇسابىقىگە سالماقچى بولغان كەپتەرنىڭ ماس ئۇچۇرلىرى كىرگۇزۇلگەن ئۈزۈك سانلىق ئۇچۇرىنى مەركىزى سانلىق باش ئامبارغا يوللاپ بىرشى كىرەك.كەپتەر يغقان كۇنى سان ئۇچۇرنى يوللاش ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش شارائىتى يوق.

6)بۇقىتىمقى  مۇسابىقىدە ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزى مەلۇم قىلىش بىلەن يۇنفىي ماركىلىق قولدا ھەركەت قىلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەتتە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تورغا ئۇلىنىدۇ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى 24سائەت ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سانلىق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ.يۇنفىي ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا سان ئۇچۇرنى يولىغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ،مۇسابىقىە مىنۇتلىق تىزلىگى بويۇنچە ھساپلىنىدۇ.ئككى خىل ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئككىلىسىدە كومپىيۇتىر ئاپتۇماتىك قوبۇل قىلغان سانغا ئاساسەن ھەم مۇسابىقە قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن ،بىكىتكەن قەشقەر شەھەرنىڭ كۇن چىقىش كۇن پىتىش ۋاقىت جەدىۋىلنى ئاساس قىلىدۇ.

7)خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈنفىي مارىلىق قولدا ئىشلىتىلىدىغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەت ئىشلەتكۇچىلەر پەقەت بىر دانە سائەت ئىشلەتسە رۇخسەت ئۇنىڭدىن ئارتۇق سائەتنىڭ ئۇچۇرى قوبول قىلىنمايدۇ.بۇسائەت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋاقىتتا بىرىنجى كەپتەرنى ئىلىپ كىلىشى كىرەك.سائەتنى ئۇرغاندا سائەت ئستىرىلكىسىنىڭ ئوڭ يۆلىنىشىدە ئۇرۇش مەخپى چاپلاقنى سائەت ئۇرۇقچىسىنىڭ ئىچكى كامىرىغا كىرگۇزۇلگەن بولۇشى،ئۇرۇقچىنىڭ ئىغىزى چوقۇم تۆۋەنگە قارتىلغان بولىشى ،ئۇرۇقلار ئارسىدا بوش كامار بولماسلىقى كىرەك.ئۇنداق بولمىسا بۇسائەتتىكى بارىلىق كەپتەر نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.كەپتەر كىلىپ 120مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە سائەتتىكى نەتىجە كۇچكە ئىگە،بۇ ۋاقىتتىن ئىشىپ كەتسە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

8)سائەتتە  ھەر قانداق سەۋەپتىن  كاشىلا كۆرۇلۇپ سان سىفىرلارنى كومپىيۇتىرغا كىرگۇزگىلى بولمىسا بۇ ئاقىۋەتكە كەپتەر ئىگسى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

9)مۇسابىقە كۇنى دەسلەپكى نەتىجە ئىلان قىلىنىدۇ.ئەتىسى قولدا باشقۇرلىدىغان سائەتتىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سان سىفىرىنى  ئەنجى شىركىتىنىڭ سانلىق باش ئاپراتقا يولىغاندىن كىيىن تەكشۇرۇپ بىكتىلىپ ئاندىن ئومومى نەتىجى ئىلان قىلىنىدۇ.رەسمى نەتىجە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

11. تەكشۈرۈش سىناش ئۇسۇلى:

(1)بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ھەم تەسىر دائىرسى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەيئىتىمىز ھەرقانداق ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ سىناق ئىلىپ بارسا بولىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى شەرتسىز تەكشۈرۈپ سىناشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك. ئەگەر كەپتەر ئىگىسى رەت قىلسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ماسلاشمىسا شۇ كىشىنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئومومى ئۇختۇرۇش قىلىپ جامائەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. ئالدىنقى نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرنى كۇلۇپنىڭ تىلفۇن قىلىپ ئۇختۇرشى بىلەن كۇلۇپ ئىشخانىسىغا 30مىنىۇت ئىچىدە ئەكىلىپ رىپپىرلارنىڭ  تەكشۇرشىنى قوبول قىلىشى كىرەك.  كۇلۇبىمىز ئەھۋالغا قاراپ نەتىجىگە ئىرشكەن كەپتەرلەرنىڭ قۇمىسىغا بىرىپ تەكشۇرۇپ دەلىللەش ئىلىپ بارىدۇ.

 (2)ئەگەر مۇسابىقە نەتىجىسگە باشقىچە پىكىر بولسا ، دەسلەپكى نەتىجە ئىلان قىلغان شۇ كۈنى يازما يۇسۇندا ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ .ئەرز شىكايەت زاكالەت پۇلىغا 1000 يۈەن ئېلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەرز مۇۋەپەقىيەتلىك بولسا زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.ئەگەر مەغلۇپ بولسا زاكالەت پۇلى تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

12. مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى :

(1) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقىدە ئالدىنقى 80-لىككىچە ئىرىشكەنلەر،ئادەتتىكى بىرىنجى ئۆتەكەل مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 50-لىككىچە، ئادەتتىكى ئككىنجى ئۆتەكەل مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 80-لىككىچە ئىرىشكەن كەپتەرلەر،قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەر پادىشالىرى  ئۇچۇق ئاشكارا مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ.ئەگەر نەتىجىگە ئىرىشكەن ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەريەنە ئادەتتىكى ئككىنجى ئۆتكەللىك مۇسابىقىغا قاتناشسا، ناۋاداكەپتەر يۇتۇپ كەتسە ئالاھىدە مۇسابىقىدە  كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسىىنىڭ%20نى كۇلۇبىمىز پائالىيەت راسخوتى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى تولۇق تارقىتىپ بىرىلىدۇ. سېتىلىدىغان كەپتەرلەر ئالدىن قان نەسەپنامىسىنى تەييارلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك.ئالدىنقى ئۈچ كەپتەرگە ئالىي لوڭقا ھەم تەقدىرنامە ، مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەر مۇسابىقىدىن كىيىن ئۆلۈپ قالسا، كەپتەر ئىگىسى كەپتەرنىڭ ھالقىسى، ئىسپات كارتىسىنى ئېلىپ كىلىپ   د ەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسىىنىڭ%20 نى تاپشۇرۇپ مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقىسى كەپتەر پادىشالىرىنىڭ  چىمپىيون، ئىككىنجى، ئۈچۈنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسى 2000 يۈەن،ئالاھىدە ھالقىلىق مۇسابىقەۋە ئادەتتىكى تاق ئۆتكەللىك مۇسابىقىنىڭ  چىمپىيون، ئىككىنجى، ئۈچۈنجىلىككە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى كىم ئارتىپ قىلىپ سېىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن، قالغانلىرىنىڭ بىردەك 500 يۈەن بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان پۇلنىڭ %20 تىنى كۇلۇپ پائالىيەت راسخوتى قىلىپ ئېلىپ قالىدۇ. قالغان %80 پۇل كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ.  ئەگەر نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەر سېتىلماي قالسا كەپتەر ئىگىسى كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسىنىڭ %20 تىنى تاپشۇرۇپ كەپتەرنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.

(2) كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغان ئورۇن ۋاقىت ئايرىم ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات سوممىسى ھەم لوڭقىلار نەق مەيداندا تارقىتىپ بىرىلىدۇ.ھەرقانداق سەۋەپ تۈپەيلىدىن نەتىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سىتش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىسە كەپتەر ئىگىسىنىڭ بارلىق ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلنىپ تارقىتىپ بىرىلمەيدۇ.

13. كەپتەر يىغىش مۇسابىقە ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ئەگەر ئالدىن ئۇقىقىلى مولچەرلگىلى بولمايدىغان يۇقۇم ۋابا ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمەلىرى بىلەن توقۇنۇش بولۇپ مۇسابىقە نۇرمال ئۆزۋاقتىدا ئىلىپ بىرىلماي قالسا، مۇسابىقە ۋاقتى  ئايرىم بىكىتىلىپ ئاندىن مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرخىل ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان، توسۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھادىسىلەردىن كىلىپ چىققان بارلىق زىيانغا،كۇلۇبمىزنىڭ تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. پەقەت ئالاھىدە ھالقىلىق مۇكاپات ئۈزۈك پۇلى بىلەن ئالاھىدە كۆرسىتىپ بىكىتىپ ئوينىغان پۇل ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.

14. مۇكاپات ئېلىشتىن كىلىپ چىققان باجغا، مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشى مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرىدۇ.

15.مۇسابىقىگە قاتنىشىش خەۋىپ خەتىرى بار ئىش، ھالقا سېتىۋالغاندا ئىھتىيات بىلەن سېتىۋىلىڭ. مۇسابىقىگە قاتنىشىش تامامەن ئۆز رازىلىق بىلەن بولىدۇ. باشقا دىيىلمىگەن ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت كۇلۇپنىڭ تور بىتىگە دىققەت قىلىڭ.

قەشقەر بەيگە كۇلۇپ تور ئادىرىسى :

http://jlb.chinaxinge.com/default2.asp?jlb_id=971

مۇسابىقىنىڭ ئادىل، ئاشكارا، سۈزۈك بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىت قۇرۇلدى، ھەيئەتلىرى ئارسىلان ئابىلىز، ئابلىمىت سۇلايمان، ئابلىمىت سەيدىن، يالقۇن مەمەتئىمىن، شىجىن لىن، جاڭ جەنشوڭ،  ئەزىزجان داۋۇت،  لىۋايىدىن ئارسىلان، ۋاڭخۇڭ ۋىي، ھۈسەنجان ئىمام ، دوڭ پىڭ،ئابىدىرىشىت ئابىلىكىم ، قاتارلىق 12 ئادەمدىن تەركىپ تاپتى. مۇسابىقىىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا ھەيئەتلەرنىڭ %75 دىن ئارتۇقراقى قوشۇلغاندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە.

16. بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قەشقەر بەيگە كەپتەركۇلۇبى « كۈزلۈك تۆتىنجى نۆۋەتلىك «چوڭ مۇكاپاتلىق››  نۇۋەس كەپتە ئالاھىدە  ھالقىلىق مۇسابىقە ۋە ئادەتتىكى قوش ئۆتكەللىك مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كومتىتىغا تەۋە.

ئالاقىلاشقۇچىلار: يالقۇن    13899127752

ئەزىزجان  13779847710

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
评论列表
用户名: 密码:     立即注册