协会动态

库车县龟兹信鸽协会2017年比赛章程(维文)

发表时间:2017-02-04 17:39:17   浏览数:601   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

كۈسەن پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017 - يىللىق كۈز پەسىللىك مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇشى

ھەر قايسى ئەزالارغا :

تەستىقلىغان ئورۇن : كۇچا ناھىيىلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ،رادىيو - تېلۋىزىيە ئىدارىسى

تەشكىللىگەن ئورۇن : كۇچا ناھىيلىك كۈسەن پوچتا كەپتەر جەمئىيىتى

   كۈسەن پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش شەرتلىرى :

پوچتا كەپتىرى بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان ،دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلدىغان ، مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى ھىمايە قىلدىغان ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى ھەۋەسكارلار ھەر بىرسى 100 يۈەن( بىر يۈزيۈەن  (دىن ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرۇپ قاتناشسا بولىدۇ .

2015 -يىللىق جۇڭگو پوچتا كەپتەر قانۇنى›› ،‹‹ جۇڭگو ئاۋاتسىيە قانۇنى ›› ۋە شىنجاڭ خەلق ئاۋاتسىيە گوروھىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،ئايرىدىروم ئەتراپىدا پوچتا كەپتىرى باقىدىغان ھەۋەسكارلار جەمئىيەت ئازالىقىغا بىردەك قۇبۇل قۇبۇل قىلىنمايدۇ ھەم باققان كەپتەرلىرى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ .

3.  (1)   2017 - يىللىق مۇسابىقە 200 كىلومېتىر ،300 كىلومېتىر ،500 كىلومېتىر بويىچە ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى بولىدۇ .

(2) مۇسابىقە جەريانىدا 200 ۋە 300 كىلومېتىردا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەر مۇسابىقە باشلانغان شۇ كۈنىلا ئىناۋەتلىك .

500 (3)كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئىككى كۈن ئىچىدە ئىناۋەتلىك ،ئەگەر 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە ئىككى كۈن ئىچىدە بىرمۇ كەپتەر كەلمىسە ،يىغىلغان پۇل مۇسابىقە ئۈچۈن  يىغىلغان كەپتەرلەرگە بېرىلىدۇ .

(4) بەلىگىلەنگەن دەرىجىگە ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە قايتىپ كەلگەن  كەپتەر سانى توشمىسا ، مۇكاپات قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرگىلا تەقسىم قىلىنىدۇ .

200(5)  كىلومېتىر مۇسابىقىدە ھەر بىر كەپتەرنىڭ قۇيۇپ بېرىش ھەققى 5 يۈەن بۇلۇپ ، بۇ پۇل ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى ئۈچىنچى دەرىجىگە ،كوللېكتىپ ئۈچىنچى دەرىجىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

300 ( 6 )كىلومېتىر ۋە 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىسىدە يىغىلغان پۇلنى قۇشۇپ ، ئۇمۇمىي يىغىلغان پۇلنىڭ 40 پىرسەنتى 300 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇقالغان 60 پىرسەنتى 500 كىلومېتىردا دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ . دەرىجە بېرىش ئۇسۇلى : ھەر 10 كەپتەرگە بىر دەرىجە بولىدۇ . مەسىلەن:  500 كەپتەر يىغىلسا 50 دەرىجە بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.

4 .  مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ  300 . كىلومېتىردا 1 - ، 2 - ، 3 - بولغان كەپتەرنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تۆۋەن چېكى  500 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدى . كەپتەر شاھى بولغان ئۈچ كەپتەرنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تۆۋەن چېكى 1000 يۈەن  بولىدۇ  .     500كىلومېتىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە  10لا  كەپتەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ . 1 – 2 – 3 -  دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ كەپتەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىش چېكى  1000 يۈەن بولىدۇ ، قالغانلىرىنىڭ 500 يۈەن بولىدۇ .

كىم ئارتۇق قىلىش شەرتىگە توشقان كەپتەرلەرنى باھانە - سەۋەب كۆرسۈتۈپ ،كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتىگە قاتناشتۇرماسلىققا بىردەك يول قۇيۇلمايدۇ . ناۋادا قاتناشتۇرمىسا دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ مۇكاپات پۇلى بېرىلمەيدۇ .

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان كەپتەرنىڭ سېتىلغان پۇل سوممىسىنىڭ 20 پىرسەنتى كۈسەن پوچتا كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت خىراجىتىگە ئاجىرتىلىدۇ. قالغان 80 پىرسەنتى كەپتەرنىڭ ئىگىسىگە بېرىلىدۇ.

(ئەسكەرتىش : كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان كەپتەرلەر ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان بولسا ، كەپتەر ئىگىسى كەپتەرنىڭ ئۆلۈگىنى ياكى ھالقسىىنى جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىپ ، ھەيئەتلەرنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم )

5 . بارىلىق ئەزالار مۇسابىقىدە نەتىجىگە  ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ھالقا كارتىسىنى جەمئىيەت ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇش لازىم . ئەگەر ئەكەلمىسە  مۇكاپات پۇلى بېرىلمەيدۇ .

6 . مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش قائىدىسى :

كەپتەر يىغىش ۋاقتى : چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى 2:00 دە يىغىلدۇ ، چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى 5:00 بىلەن كەپتەر يىغىنش توختىلىدۇ.

 

ھەق ئۆلچىمى (يۈەن )

قۇيۇپ بېرىش ئورنى

مۇساپىسى(km)

كەپتەر يىغىش ۋاقتى :

5 يۈەن

شورتاڭ

200 km

2017   -يىلى 10 –ئاينىڭ4 -كۈنى  (چۈشتىن كىيىن 2 دە)

20 يۈەن

ئوتتۇرا تارىم

300 km

-2017يىلى10 – ئاينىڭ16-كۈنى    (چۈشتىن كىيىن 2 دە)

50يۈەن

چەرچەن ناھىيە

Km500

-2017يىلى10 -ئاينىڭ 28 -كۈنى   (چۈشتىن كىيىن 2 دە)

 

ئالاھىدە ئۇختۇرۇش قىلىندى .

 

 

كۇچا ناھىيىلىك كۈسەن پوچتا كەپتەر جەمئىيىتى

 

2017 -  يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
更新时间:2017-12-03 17:23:02
免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
评论列表
用户名: 密码:     立即注册