赛事规程

2016年新疆飞天大爱公棚第三届秋季“飞天杯”四关赛维文版

发表时间:2016-03-09 16:19:00   浏览数:832   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

 

2016- يىلى كۈزدە ئۆتكۈزىلىدىغان شىنجاڭ فېيتيەن دائەي كەپتەرچىلىكى ئۈچىنچى قېتىملىق "فېيتىيەن لوڭقىسى" تۆت ئۆتكەللىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش تەرتىپى

 

(ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 7مىليون 160مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نەق پۇل مۇكاپات سوممىسى 6مىليۇن 960مىڭ يۈەن، ھەقسىز بېرىلىدىغان ماشىنا 200مىڭ يۈەن قىممىتىدە بولىدۇ)

كەپتەرخانىمىزنىڭ سەمىمىي ۋەدىسى: كەپتەرخانىمىز بۇ قېتىم مۇكاپات پۇل ۋە مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقىتىشتا يىغىلغان كەپتەرلەر نىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن قەتئىي ھېسبالاشمايدۇ.

باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتىرى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ فېيتيەن دائەي كەپتەرچىلىكى

نازارەتچى ئورۇن:ئاپتونۇم رايونلۇق پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسىگە نازارەت قىلىش كومىتېتى

داۋالاش ۋە ساغلاملىققا مەسئۇل بولغۇچى:شىئەن ئەيلىس چارۋا مال چەكلىك شىركىتىنىڭ مال دوختۇرى ۋاڭ جېن

1.مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى

(1)مۇسابقە تەرتىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغان  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.

(2)كەپتەرلەر چوقۇم 30كۈنلۈكتىن 60 كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام باچكىلار بولۇشى، پۇتىغا دۆلەتلىك ياكى رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى ئېتىراپ قىلىدىغان 2016-يىللىق مەخسۇس ھالقا ئېسىلغان بولۇشى كېرەك.

(3)كەپتەرخانىمىز مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ. ئەگەر ئاللىبۇرۇن ئەملىنىپ بولغان بولسا، كەپتەرنى ئەكەلگەندە ئەسكەرتىشى كېرەك.

((4)كەپتەرچىلەر كەپتىرىنى كەپتەرخانىمىزغا تاپشۇرغاندا كەپتەرخانا بىلەن توختام تۈزىدۇ، توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن ئىككىلا تەرەپ توختامنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

(5)كەپتەر ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن: a. ئىسم فامىلىسى. b . «پالانى كەپتەرخانا--- ئىسىم فامىلە»  دېگەن شەكىلدە يېزىلىشى كېرەك. كەپتەرلەر كەپتەرخانىغا بېرىۋېتىلگەندىن كېيىن كەپتەر ئىگىسى ئىسمىنى ئۆرگەرتسە بولمايدۇ. ئەگەر تېلىفون نومۇرى ئۆزگەرسە كەپتەرخانىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرىشى كېرەك.

2. مۇسابىقىنىڭ تۈرلىرى، ۋاقتى، ئارىلىقى ۋە ئورنى

(1)بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە باش ئۆتكەل مۇسابقىسى(200كىلومېتىرلىق)، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى(300كىلومېتىرلىق)، تەييارلىق مۇسابىقە(400كىلومېتىرلىق)، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(500كىلومېتىرلىق)، كوللىكتىپ مۇسابقە، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى، بەلگە سېلىنغان كەپتەرلەر مۇسابىقىسى،ماشىنا مۇكاپاتلىق كەپتەر مۇسابقىسى، ھالقا سېلىنغان سەرخىل كەپتەرلەر مۇسابقىسى، ھەقسىز ماشىنا چىقىدىغان تەلەيلىكلەر مۇسابىقىسى، ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىندى. كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، باش ئۆتكەل مۇسابقىسى(200كىلومېتىرلىق) 2016-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنسىخەيدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئىككىنچى، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى(300كىلومېتىرلىق) 2016-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا گاۋچۇەندە ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئۈچىنچى، تەييارلىق مۇسابقە(400كىلومېتىرلىق) 2016-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا جىڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

تۆتىنچى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(500كىلومېتىرلىق) 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىتەيدە ئۆتكۈزىلىدۇ.

يۇقىرىقى مۇسابىقە ۋاقىتلىرى پەقەت ھازىرچە پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى. كونكرېت ۋاقتىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ قايتا بېكىتىپ چىقىمىز.

(2) كوللىكتىپ مۇسابىقىلەر

بىرىنچى، كوللىكتىپ چوڭ مۇسابقە.  بىر كەپتەرچى ئەكەلگەن كەپتەرلەر 30غا يەتسە كوللىكتىپ چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. 30 دىن ئاشقاندا يەنەئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن «پالانى A ،  پالانى B،  پالانى C....» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە(500كىلومېتىرلىق) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلىرى كۆپ بولغان كەپتەرچى ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر سانى تەڭ بولۇپ قالسا، ئېرىشكەن مۇكاپات دەرىجىسى يۇقىرى بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ.

ئىككىنچى، كوللىكتىپ كىچىك مۇسابىقە. بىر كەپتەرچى ئەكەلگەن كەپتەرلەر 6 گە يەتسە كوللىكتىپ كىچىك مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. 6 دىن ئاشقاندا يەنەئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن «پالانى A ،  پالانى B،  پالانى C....» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (500كىلومېتىرلىق) دەمۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلىرى كۆپ بولغان(ئاز بولغاندىمۇ ئىككى كەپتەر مۇكاپاتلىنىشى كىرەك) كەپتەرچى ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر سانى تەڭ بولۇپ قالسا، ئېرىشكەن مۇكاپات دەرىجىسى يۇقىرى بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ.

    كەپتەرخانا يىغىلغان كەپتەرلەرنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىنكى10 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىلىرى كوللىكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە ھالقا نومۇرى سالىدۇ ھەم نومۇر بېكىتىش ئەھۋالىنى فاكس، رەڭلىك ئۇچۇر ۋە ئۇندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق كەپتەرخانىغا خەۋەر قىلىشى كېرەك، تېلىفوندا دەپ قويۇشقا بولمايدۇ.  ئىگىسى ئوخشاش بولمىغان كەپتەرلەرنى بىر گۇرۇپپىغا قويۇشقا، گۇرۇپپىلار ئارا كەپتەرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر كەپتەرلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە گۇرۇپپىغا بۆلۈنمىسە، كەپتەرخانا ئاپتۇماتىك بۆلۈۋېتىدۇ.

(3)كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى

ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ باش ئۆتكەل مۇسابىقىسى، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى، تەييارلىق مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردىن ئىبارەت ھەرقايسى يەككە تۈرلەردىكى سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسى ئەڭ يۇقىرى بولسا، ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر يەككە تۈردىكى سۈرئىتى تەڭ بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىلغىنى ئۇتقان بولىدۇ.

(4) ھەقسىز ماشىنا چىقىدىغان تەلەيلىكلەر مۇسابىقىسى

بىرىنچى، مۇكاپات بېرىلىدىغان ماشىنا 20مىڭ بولۇپ، چىمپىيۇن بولغانغا دوڭفېڭ 308 تىپلىق، 1.6 لىتىرلىق قول خوتلۇق ئېسىل پىكاپ بېرىلىدۇ. ئككىنچى بولغانغا دوڭفېڭ 301 تىپلىق، 1.6 لىتىرلىق ئاپتوماتىك خوتلۇق ئازادە پىكاپ بېرىلىدۇ.

ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتى: تاپشۇرغان كەپتەرلىرى 10 غا يەتكەن ھەم ھەقنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرغانلار بۇ تۈرگە قاتناشسا بولىدۇ. ھەر 10 كەپتەر ئىچىدىن بىرسى، 20 كەپتەر تاپشۇرغان بولسا ئىككىسى قاتنىشىدۇ. ئەگەر يەنە كۆپ بولسا، مۇشۇ نىسبەت بويىچە قاتناشسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ بېكىتىلىشى: كەپتەر ئىگىلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ ھالغا نومۇرىنى فاكس، رەڭلىك ئۇچۇر  ياكى ئۈندىدار ئۇچۇرى ئارقىلىق كەپتەرخانىغا ئۇقتۇرىشى كېرەك. ۋاقتىدا خەۋەر قىلمىسا ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ(كونكرېت ۋاقتى قايتا ئۇقتۇرىلىدۇ).

تۆتىنچى، مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: ھەقسىز ماشىنا چىقىدىغان تەلەيلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەر ئىچىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى بىرىنچى، ئىككىنچى بولغانلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشدۇ.

(5) ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسى

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(500كىلومېتىرلىق)دە كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەر 1000غا يەتسە، ھاۋا شارائىتى ياخشى بولغان ئەھۋالدا قار-مۇزلارغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى(520كىلومېتىرلىق) ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەر  600 گە يەتسە، ھاۋا شارائىتى ياخشى بولغان ئەھۋالدا يەنە چوققىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى(600كىلومېتىرلىق)  ئۆتكۈزىلىدۇ. ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەربىر كەپتەرنىڭ ھەربىر ئارىلىقى ئۈچۈن كەپتەر ئىگىسى 1000يۈەندىن پۇل تاپشۇرىدۇ. كېچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەر مەشقلەندۈرۈلۈپ ئاندىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدۇ. بۇ پۇلنى تاپشۇرمىسا، كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بېكىتىلىدۇ لېكىن مۇكاپات بېرىلمەيدۇ. مۇكاپات پۇلى ھەق تاپشۇرغان كەپتەرلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە بۆلۈپ بېرىلىدۇ.

ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى «ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش تەرتىپى( بۇ توغرىدا باشقا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز)» دىن كۆرۈۋېلىڭ.

3.مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى

بىرىنچى، ھەر بىر كەپتەرگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ئۈچۈن 1800يۈەن، بېقىش ھەققى ئۈچۈن 200يۈەن، جەمئىي 2000يۈەن تاپشۇرىدۇ. كەپتەرخانا پىچەتلىنىشتىن بۇرۇن كەپتەرلەر ئۆلۈپ قالسا ياكى ئۇچۇپ كېتىپ يوقالسا، كەپتەرخانا تۆلەپ بەرمەيدۇ ئەمما ۋاقتىدا كەپتەرچىگە تولۇقلاپ بېرىشنى ئۇقتۇرىدۇ.

ئىككىنچى، كەپتەرلەر 100 كىلومېتىرلىق مەشققە قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن بىرقېتىم تەكشۈرىلىدۇ، تەكشۈرۈلۈپ 7 كۈن ئىچىدە مۇسابىقە ھەققى تولۇق تاپشۇرۇلۇپ بولۇشى كېرەك، ئەگەر تاپشۇرۇلمىسا ۋاز كەچكەن ھېسابلىنىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. كەپتەرلەرنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق كەپتەرلەرنى كەپتەرخانا ئۆزئالدىغا بىرتەرەپ قىلىدۇ. پۇل تاپشۇرۇلغان كەپتەرلەر 200كىلومېتىرلىق باش ئۆتكەل مۇسابىقىسىدىن كېيىن قەپەزگە سولانمىسا، 1800يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىچىكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان كەپتەرلەر ئايرۇپىلان ياكى پويىز، ماشىنا ئارقىلىق ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئەمما كەپتەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش توغرىسىدا ئالدىن خەۋەر بېرىشى كېرەك. ئۈرۈمچى ياكى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى كەپتەرلەرنى كەپتەرچىلەر ئۆزى ئەكىلىپ بەرسىمۇ، كەپتەرخانا بىلەن دېيىشىپ، كەپتەرخانىدىكىلەر بېرىپ ئەكەلسىمۇ بولىدۇ. كەپتەرلەرنى كارانتىن قىلىش، ساقلاش ۋە كىرا قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان ھەقلەرنى كەپتەر ئىگىسى(كەپتەرچى) تۆلەيدۇ.

تۆتىنچى، كەپتەرخانىمىز توختاملىق كەپتەرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ.

بەشىنچى، كەپتەرخانىمىزنىڭ خادىملىرى مۇسابىقىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

4. مۇسابىقە قائىدىسى

(1) بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى تۈزۈپ تارقاتقان« پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە رېپىرلىق قانۇنى»، «جۇڭگو پوچتا كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانا مۇسابىقىلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» ۋە «جۇڭگو پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ.

(2) ئاپتونۇم رايونلۇق پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى ھەر قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن رېپىر ئەۋەتىدۇ. كەپتەرخانا كەپتەرچىلەر ئىچىدىن ۋەكىل تاللاپ چىقىپ مۇسابىقىگە نازارەتچىلىك قىلدۇرىدۇ.  بۇ ۋەكىللەر رېپىرلار بىلەن بىرلىكتە كەپتەرلەرنى مۇسابىقە مەيدانىغا يىغىش، قويۇپ بېرىش، مۇسابىقە نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.  ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا بىرەر ھادىسە كۆرۈلسە، ۋەكىللەر بىلەن رېپىرلار جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيتىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئورتاق قارار چىقىرىدۇ. كەپتەرچىلەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توردىن كۆرۈپ تۇرسا بولىدۇ.

(3)ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەر تېخى كەپتەرخانىغا قايتىپ كەلمەي تۇرۇپلا ئېلىكترونلۇق ۋاقىت ھېسابلىغۇچتىن چاتاق چىققان بولسا، مۇسابىقە دەرھال توختىتىلىپ، مۇكاپات پۇللىرى قەپەزگە سولانغان بارلىق كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

(4)  ئەگەر  كەپتەرلەر كەپتەرخانىغا قايتىپ كېلىش جەريانىدا ئېلىكترونلۇق ۋاقىت ھېسابلىغۇچتىن چاتاق چىققان بولسا، چاتاق چىقىشتىن بۇرۇن نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغان كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلۈپ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇل باشقا كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

(5)باش ئۆتكەل مۇسابىقىسى ۋە بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدا كەپتەرخانىغا قايتقان كەپتەرلەرنى تىزىملاش شۇ كۈننىڭ ئىچىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر شۇ كۈنى قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەر بەلگىلىك سانغا يەتمىسە، نەتىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلۈپ، ئېشىپ قالغان قىسمى باشقا كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر شۇ كۇنى ھېچقانداق كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، شۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىكار قىلىنىپ، مۇكاپات پۇلى ھەممە كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

(6)تەييارلىق مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتى ئىككى كۈن بولىدۇ يەنى بىرىنچى كۈنى قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئەتىسى كۈن پېتىپ يېرىم سائەت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. بىرىنچى كۈنى قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەر بەلگىلىك سانغا يەتمىسە، ئەتىسى داۋاملىق تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەلگىلەنگەن قايتىپ كېلىش ۋاقتى ئىچىدە قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ سانى يەنىلا بەلگىلىك سانغا يەتمىسە، نەتىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلۈپ، ئېشىپ قالغان قىسمى باشقا كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ھېچقانداق كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، شۇ قېتىمقى مۇسابىقە بىكار قىلىنىپ، مۇكاپات پۇلى ھەممە كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش پىچەتلەنگەن ھالقا ئېسىلىدۇ.  ئەگەر قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ پېچىتى بۇزۇلماي، شۇ پېتى بولغان بولسا، نەتىجىسى ھېساب قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇزۇلغان بولسا، ھېساب قىلىنمايدۇ.

5. دەرىجىگە ئايرىش ۋە مۇكاپاتلاش

(1)باش ئۆتكەل مۇسابىقىسى(200كىلومېتىرلىق)دا ئالدىدا چىققان 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 126مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچىگە لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---100 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

15000  يۈەن

8000  يۈەن

6000 يۈەن

1000 يۈەن

 

(2)بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى (300كىلومېتىرلىق)دا ئالدىدا چىققان 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 157مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچىگە لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---100 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

30000  يۈەن

20000  يۈەن

10000 يۈەن

1000 يۈەن

 

(3) تەييارلىق مۇسابىقە (400كىلومېتىرلىق)دا ئالدىدا چىققان 100 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 177مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---100 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

40000  يۈەن

30000  يۈەن

10000 يۈەن

1000 يۈەن

(4) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(500كىلومېتىرلىق)دە ئالدىدا چىققان 500 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى5مىليون 850مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---10 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

250000  يۈەن

180000  يۈەن

80000 يۈەن

20000 يۈەن

نەتىجىسى

11 ---50 گىچە

51---200 گىچە

201 ---400 گىچە

401 ---500 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

15000  يۈەن

12000  يۈەن

10000 يۈەن

8000 يۈەن

 

(5)كوللىكتىپ كىچىك مۇسابىقىدە ئالدىدا چىققان 20 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 360 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---10 گىچە

11 ---20 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

50000  يۈەن

40000  يۈەن

30000 يۈەن

20000 يۈەن

10000 يۈەن

 

(6)كوللىكتىپ چوڭ مۇسابىقىدە ئالدىدا چىققان 6 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 120 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچىگە لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---6 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

40000  يۈەن

30000  يۈەن

20000 يۈەن

10000 يۈەن

 

(7)كەپتەر شاھى تۆت ئۆتكەللىك مۇسابىقىسىدا ئالدىدا چىققان 10 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 170 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---10 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

50000  يۈەن

30000  يۈەن

20000 يۈەن

10000 يۈەن

 

(8)ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسى

بىرىنچى، قار-مۇزلارغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى(520كىلومېتىرلىق) دا ئالدىدا چىققان 30 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەق تاپشۇرغان كەپتەرلەر 300 دىن ئاشسا، ھەر 7 كەپتەر ئۈچۈن بىر مۇكاپات بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن بولىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---10 گىچە

11---30 گىچە

31 ---N گىچە

مۇكاپات سوممىسى

60000  يۈەن

40000  يۈەن

30000 يۈەن

10000 يۈەن

5000يۈەن

5000يۈەن

 

ئىككىنچى، چوققىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى(600كىلومېتىرلىق)دا ئالدىدا چىققان 20 كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئونىغا لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەق تاپشۇرغان كەپتەرلەر 200 دىن ئاشسا، ھەر6 كەپتەر ئۈچۈن بىر مۇكاپات بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى 400 يۈەن بولىدۇ.

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4 ---5 گىچە

مۇكاپات سوممىسى

50000  يۈەن

30000  يۈەن

20000 يۈەن

10000 يۈەن

نەتىجىسى

6 ---10 گىچە

11--- 20 گىچە

21 --- N گىچە

 

مۇكاپات سوممىسى

8000  يۈەن

4000  يۈەن

4000 يۈەن

 

 

مۇكاپاتقا ئېرىشىپ لوڭقا ئالالمىغان كەپتەرلەرگە كېنىشكە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات پۇلىنى ئالىدىغاندا پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى بىلەن كىملىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

 

6. مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

(1) ھەر قېتىملىق مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن كەپتەرخانا ئۇۋىسىنى تېپىش، يول تونۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇچۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا كەپتەرلەر يارىلانسا ياكى يۈتۈپ كەتسە، نورمال شاللانغان ھېسابلىنىپ، كەپتەرخانا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ(تۆلەپ بەرمەيدۇ).

(2) كەپتەرلەر كەپتەرخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەىندىن كېيىن كەپتەرخانا دەرھال دېزىنفىكسىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە پۇتىغا توكلۇق ھالقا ئېسىپ توردا ئېلان قىلىدۇ. كەپتەرلەرگە ۋاكسىنا ئۇرۇلغاندىن كېيىن كەپتەرخانىغا كىرگۈزىلىدۇ. ساغلام بولمىغان كەپتەرلەر ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

(3)كەپتەرلەر باش ئۆتكەل مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن 100كىلومېتىرلىق دائىرە ئىچىدە كەم دېگەندە 10 قېتىم مەشقلەندۈرىلىدۇ ھەم بۇ جەريان توردا ئېلان قىلىنىدۇ.

(4) ئۇۋىسىنى تېپىشنى مەشق قىلدۇرۇش  جەريانىدا توكلۇق ھالقىنىڭ نورمال ئىشلىمەيۋاتقانلىقى بايقالسا، كەپتەرخانا دەرھال ھالقىنى ئالماشتۇرىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالنى توردا ئېلان قىلىدۇ.

7.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر ۋە كەپتەرخانىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش چارىسى

(1)ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن كەپتەرخانا ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.  بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(500كىلومېتىرلىق)دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 500كەپتەر،  شۇنداقلا كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى ۋە ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىلىرىدا مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاپقان پۇلنىڭ 60 ى كەپتەر ئىگىسىگە،40 ى كەپتەرخانىغا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، كىم ئارتۇق قىلىپ تاپقان پۇلنىڭ 20 ى كەپتەر ئىگىسىگە،80 ى كەپتەرخانىغا تەۋە بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ قان تىپى ئىسپاتى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلىشى كېرەك.

(2)كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ باشلىنىش باھاسى مۇنداق: ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1—100گىچە بولغان كەپتەرلەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 3000يۈەن،  101—500گىچە بولغانلىرىنىڭ باشلىنىش باھاسى 2000يۈەن، ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەرنىڭ باشلىنىش باھاسى 3000يۈەن بولىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتلىنىپ كىم ئارتۇق سودىسىدا سېتىلمىغان كەپتەرلەرنى ئىگىسى كېلىپ باشلىنىش باھاسىنىڭ40 نى تۆلەپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. ئارىلىق قوشۇش مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتلانغان لېكىن تېگىشلىك ھەق تاپشۇرۇلمىغان كەپتەرلەر كىم ئارتۇق سودىسىدا سېتىلمىسا، كەپتەر ئىگىسى ھەق تۆلىمەي ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. كەپتەرخانىغا قايتىپ كېلەلىگەن ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن كەپتەرلەرنى كەپتەر ئىگىسى كىملىك گۇۋاھنامىسى ھەم پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.  سىرتقى جايلاردىن قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ قايتىش كىراسىنى كەپتەر ئىگىسى ئۆزى تۆلەيدۇ. كەپتەرخانا توردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 10 كۈنگىچە كەپتەر ئىگىسى كەپتەرلىرىنى ئېلىپ كەتمىسە، ۋاز كەچكەنلىىك ھېسابلىنىپ، كەپتەرلىرى كەپتەرخانا تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىۋېتىلىدۇ.

(3)مۇكاپات پۇل ۋە كىم ئارتۇق سودىسىدىن تاپقان پۇلنىڭ بېجىنى كەپتەر ئىگىسى تۆلەيدۇ.

8.  بەلگە سېلىنغان كەپتەرلەر مۇسابىقىسى ۋە ماشىنا مۇكاپاتلىق كەپتەر مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزىلىش كۈن تەرتىپى توغرىسىدا كېيىن باشقا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

9. كەپتەرخانىنىنڭ بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى نۇرلۇق يولى تارماق بانكىسى(中国银行乌鲁木齐光明路支行)

كارتا ھېسابات نومۇرى:   6217888300000049515        ئىسم فامىلىسى: جيەن لى (菅莉)

 

جۇڭگو يېزائىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش يولى بىڭتۇەن تارماق بانكىسى

(中国农业银行乌鲁木齐建设路兵团支行)

كارتا ھېسابات نومۇرى: 6228460898033910572         ئىسم فامىلىسى: جيەن لى (菅莉)

 

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئۈرۈمچى غەربىي قۇرۇلۇش يولى تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى

(中国建设银行乌鲁木齐建设西路分理处)

كارتا ھېسابات نومۇرى:  6227078601204779                ئىسم فامىلىسى: جيەن لى (菅莉)

 

جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى بانكىسى ئۈرۈمچى ۋېنيى يولى تارماق بانكىسى

(中国工商银行乌鲁木齐文艺路支行)

كارتا ھېسابات نومۇرى:  6222083002001335298         ئىسم فامىلىسى: جيەن لى (菅莉)

 

ئۇرۇمچى ناھىيەلىك يېزا ئامانەت ھەمكارلىق كوپراتىپى تىجارەت بۆلۈمى

(乌鲁木齐县农村信用合作联社营业部)

كارتا ھېسابات نومۇرى:  6210082042402025           ئىسم فامىلىسى: جيەن لى (菅莉)

 

كەپتەر ئىگىلىرنىڭ كارتىغا پۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، فاكس ياكى ئۈنىدار  ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، تېلىفون نومۇرى، كەپتەرلىرىنىڭ سانى ۋە كارتىغا ئۇرغان پۇلنىڭ سانىنى كەپتەرخانىمىزغا خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز.

10. باشقا ئىشلار

(1)كەپتەرلەر يىغىلىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزگىچە ئارىلىقتا ئەگەر ئېغىر كىسەل تارقىلىپ كەتسە، ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولماي قالسا، مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن يىغىۋالغان ھەقلەرنى كەپتەر ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تەرتىپ-بەلگىلىرىمىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، كەپتەرخانىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

(2)كەپتەرلەرنى يىغىش ۋاقتى: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە. پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى دەم ئالمايدۇ.

(3)يىغىش ئورنى: شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كۆزىتىش قوتىنى

(4)ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

كەپتەرخانا تېلىفون نومۇرى:  6886568 - 0991           18097621633

فاكس نومۇرى: 6866568 – 0991

كەپتەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش تېلىفون نومۇرى:    18899503888

كەپتەرخانا ئادرېسى: شىنجاڭ ئۇرۇمچى شەھىرى مىدوڭ رايونى قومۇش جىلغا يېزا قومۇش جىلغا كەنت 2-ئەترەت 296-قورۇ.  (新疆乌鲁木齐市米东区芦草沟乡芦草沟村二队296)

پوچتا نومۇرى: 830029

شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈن

 

 

2016- يىلى كۈزدە ئۆتكۈزىلىدىغان شىنجاڭ فېيتيەن دائەي كەپتەرچىلىكى مەخسۇس ھالقىلىق سەرخىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش تەرتىپى

 

شىنجاڭ فېيتيەن دائەي كەپتەرخانىسى 2016-يىللىق مەخسۇس ھالقا ئېسىلغان سەرخىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسى تەسىس قىلدى. بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن نۆۋەتتە شىنجاڭغا بېرىلگەن ھالقا جەمئىي 2000تال بولۇپ، ھەربىرىنىڭ باھاسى 100يۈەن. ھالىقلار مەيلى قانچىلىك سېتىلسۇن، ئالدىدا چىققان 10 كەپتەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ( ئالدىنقى 10 ى 300 كەپتەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ).

مەخسۇس ھالقا سېتىۋالغانلار چوقۇم بۇ سەرخىللار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى كېرەك. كەپتەرخانىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيغۇن كېلىۋېرىدۇ. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق قوش مۇكاپات ئالغىلى بولىدۇ( ئالدىنقى ئۈچىنچىگىچە لوڭقا تارقىتىپ بېرىلىدۇ).

نەتىجىسى

بىرىنچى(چىمپىيۇن)

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4---10 گىچە

11---N گىچە

مۇكاپات سوممىسى

100000  يۈەن

80000  يۈەن

50000 يۈەن

10000 يۈەن

10000يۈەن

 

مەخسۇس ھالقا باھاسى ۋە نەتىجە ھېسابلاش ئۇسۇلى:

(1)مەخسۇس ھالقىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى 100يۈەن.

(2)كەپتەرخانا كەپتەر سانىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، كەپتەر ئىگىسى ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن يەنە 900يۈەندىن پۇل تاپشۇرىدۇ.

(3)باش ئۆتكەل مۇسابىقىسىدە كەپتەر قەپەزگە سولانمىسا، 1000يۈەن پۇل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

(4)بۇ مۇسابىقىدە باش ئۆتكەل مۇسابىقىسىدىن كېيىن قەپەزگە سولانغان كەپتەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن مۇكاپات  تەسىس قىلىنىدۇ.

(5) مەخسۇس ھالقا جەمئىي 2000تال بولۇپ نومۇرى0015001— 0017000  گىچە.

      بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تەرتىپ-بەلگىلىرىمىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە.

 

شىنجاڭ فېيتيەن پوچتا كەپتەرلىرىنى كۆندۈرۈش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

2016  -يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈن

 

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
评论列表
用户名: 密码:     立即注册