赛事规程

民丰县和谐赛鸽俱乐部2017年秋季比赛计划

发表时间:2017-03-22 15:51:11   浏览数:560   转到我空间  分享到随写  分享到鸽友社区

نىيەناھىيىلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق مۇسابىقە پىلانى

 نىيە ناھىيسىدىكى كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلارگە:

 نىيە ناھىيىلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى ھەيئەتلىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2017- يىللىق كۈز پەسىللىك خەت كەپتىرى مۇسابىقە پىلانىنى تۈۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. 1- نىيە ناھىيىلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتىگە ئەزا بۇلۇش شەرتى: چۇقۇم جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قىزغىن سۈيىدىغان،غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، ئىنتىزامچان، دۆلىتىمىزنىىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ، ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش خارەكتىردىكى زوراۋان تېرورلۇق ھەركەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرالايدىغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ۋە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەلەيدىغان، مەيدانى مۇستەھكەم ،ئىدىيىۋى ساپاسى يۇقىرى ، دۆلەت ۋە جەمىيەت بىخەتەرلىگىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان، باشقا ھەر قايسى مىللەت ، دوستلىىرى بىلەن ئىناق ئۈتەلەيدىغان،شۇنداقلا خەت كەپتىرى جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىىدىغانلار ئەزا بۇلۇپ كىرسە بۇلىدۇ. 2- نىيە ناھىيىلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتىگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ھەر بىر ئەزا ھەر يىلى جەمىيەتكە 100 يۈەن ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرىدۇ . جەمىيەت جۇڭگۇ خەت كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بىرىدۇ .تاپشۇرغان بەدەل پۇلى جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. جەمئىيەت ھەر يىلى ئەزالارغا مەملىكەت بۇيچە بىرلىككە كەلگەن كەپتەر ھالقىسى تارقىتىپ بىرىدۇ . ئەزالار ھالقىنى ئۈزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋالىدۇ . مۇسابىقىلەردە جەمىيەتتىن تارقاتقان ھالقىلاردىن باشقا ھالقا ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. 3- بۇ يىل ھەر بىر ئەزا مەشىق ۋاختىدا ، مەشىق ئۈچۈن ئالدىدىن ،يەنى 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە 300 يۈەندىن پۇل تاپشۇرىدۇ ، بۇ پۇل كەپتەرلەرنى مەشىققە سېلىش ئۈچۈن يول كىراسى ۋە تاماق راسخۇتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ھەر قېتىملىق مەشىق ۋە مۇسابىقە ۋاختىدا ، كەپتەر قۇيۇپ بىرىشكە چۇقۇم ماشىنا شوپۇرىدىن باشقا ، ئەزالاردىن تۆت ئادەم بېرىشقا بەلگۈنىلىدۇ ، ئەگەردە ئىشى چىقىپ قالسا ھەر بىر ئادەم شۇ نۆۋىتىدە 300 يۈەن پۇل تاپشۇرىدۇ ، بۇ پۇل باشقا ئەزالارغا بىرلىپ ئادەم سانى تۇلۇق بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، كەپتەر قۇيۇپ بىرىشكە بارغۇچىلار ،كەپتەر ئاپارغان قۇمىنىڭ ساق كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ، سۇندۇرۋېتىش ، يۈتۈپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلسە ،شۇ نۆۋەت بارغۇچىلار ئۆز باھاسى بۇيچە تۈلەپ بىرىدۇ. مەشىق ۋە مۇسابىقە جەريانىدا كەپتەر قۇيۇپ بىرىشكە بارغۇچىلار چۇقۇم قانۇنى رەسمىيەتلىرى تۇلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن مېڭىشى كىرەك ، ئەگەردە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ،بىرەر كۈتۈلمىگەن ھادىسە ، ۋەقە تۇغدۇرسا ، ياكى ۋەقەگە ئۇچرىسا ئۈزى مەسئۇل بۇلىدۇ. 4- بۇ يىل مۇسابىقە دالىيەن يۈنفىي ماركىلىق كەپتەر سائىتى ۋە دالىيەن يۈنفىي ماركىلىق تابەندە ۋاقىت ھىسابلىنىپ ، دەرىجىگە تۇرغۇزىلىدۇ ، قايسىسىدا نەتىجە ھىسابلىتىش ئەزالارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىغىدا بۇلىدۇ ، لېكىن شەرت چۇقۇم ئىككىسىنىڭ بىرسىنى ئېلىشى شەرت ، مەشىقنى قىلىپ ، مۇسابىقىگە قاتناشماي ، كەپتەر سىناشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . بۇ يىل ناھىيىمىز تارىخىدا تۈنجى قېتىم ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ . ئالاھىدە ھالقىنى ئالسىمۇ ئىختىيار ، ئالمىسىمۇ ئىختىيار . مۇسابىقە تۈرى ئۈچ خىلغا بۈلىنىدۇ . يەنى بىرىنجى تۈرى تۈز لىنيە بۇيچە ئۆلچىنىپ ، 250 كىلومىتىرلىق سالاھىيەت ھازىرلاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 5 يۈەن راسخۇت يىغىلىپ ، بۇ پۇل مۇشۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى نەتىجە ئالغان 50 كەپتەرگە نىسپەتلەشتۈرۈپ مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىپ بىرلىدۇ. ئىككىنجى تۈرى ، يەنى ئادەتتىكى ھالقىلىق تۈز لىنيە بۇيچە 475 كىلومىتىر بىلەن 500 كىلومىتىر ئارلىغىدا ئۆلچىنىپ ، 250 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدىن يەتتە كۈن كىيىن قۇيۇپ بىرلىپ،250 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدىن كەلگەن كەپتەرلەرنى بىرمۇ - بىر ئىنىقلاپ ،250 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ۋە كىسەل كەپتەرلەرنى قەتئىي قاتناشتۇرمىغان ئاساستا ھەر بىر كەپتەردىن 20 يۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش راسخۇتى ئېلىنىدۇ ، بۇ يىغىلغان پۇل مۇشۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە نىسپەتلەشتۈرۈپ مۇكاپات قىلىپ بىرلىدۇ.ھەم ئالدىنقى ئۈچ كەپتەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بىرلىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرنى قاتناشتۇرسىڭىزمۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدا بۇلىدۇ .لېكىن مۇكاپاتى ئادەتتىكى ھالقا ھىساۋىدا بۇلىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنجى تۈرى ،يەنى ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى ، بۇ مۇسابىقە نىيە ناھىيىلىك ئىناق مۇسابىقە كەپتىرى كولوبى نامىدا ئالدىنقى ئادەتتىكى مۇسابىقە قۇيۇپ بىرىلگەن كۈننىڭ ئۈچىنىجى كۈنى 250 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدىن قايتىپ كەلگەن ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرنى بىرمۇ بىر تىزىملاپ ، تۈز لىنيە 475 كىلومىتىر بىلەن 500 كىلومىتىر ئارلىغىدا قۇيۇپ بىرلىدۇ . بۇ مۇسابىقىگە ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەردىن باشقا ھەر قانداق كەپتەر قاتناشتۇرۇلمايتۇ ، ھەم بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش راسخۇتى ئېلىنمايدۇ ، كىراسى ، تاماق پۇلى ، لوڭقا پۇلى ۋە باشقا چىقىملىرى ئالاھىدە ھالقىغا يىققان ئېشىپ قالغان 6000يۈەن پۇلدىن چىقىم قىلىنىدۇ . 5- ئادەتتىكى مۇسابىقە: بۇ يىللىق 250 كىلومىتىرلىق سالاھىيەت ھازىرلاش مۇسابىقىسى ۋە 500 كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات پۇلى شۇ مۇسابىقىدىكى شۇ كەپتەرلەردىن يىغىلغان پۇللارنى شۇ ۋاقىتتا جەمىيەتتىكى بارلىق ئەزالار مۇزاكىرلىشىپ ، نىسپەتلەشتۈرلۈپ تارقىتىلىپ بىرلىدۇ . 500كىلومىتىرلىق ئادەتتىكى مۇسابىقىدە مۇكاپاتلانغان كەپتەرلەرگە ھەر بىرىگە قايتىپ كەلگەنلىك ئىسپاتى بىرلىدۇ. 6- ئالاھىدە ھالقا: بۇ يىللىق ئالاھىدە ھالقا 500 تال بۇلۇپ ، ھەر بىر تال ھالقا 100 يۈەندىن سېتىلىدۇ . جەمئىي يىغىلغان پۇل سانى 50000 يۈەن بۇلسا ، 1- دەرىجە5000 يۈەن 2- دەرىجە3500 يۈەن 3- دەرىجە2500 يۈەن 4- دىن 10- دەرىجىگىچە ھەر بىرسى 1500 يۈەن 11-دىن20-دەرىجىگىچە ھەر بىرسى 1000 يۈەن 21-دىن 45-دەرىجىگىچە ھەر بىرسى 500 يۈەن جەمئىي 44000 يۈەن ئالدىنقى ئون كەپتەرگە دەرىجىسىگە ئاساسەن پەرىقلىق ھالدا ھەر بىرسىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بىرلىدۇ ، ھەم نەتىجىگە ئىرىشكەن 45 نەپەر كەپتەرنىڭ ھەر بىرسىگە قايتىپ كەلگەنلىك ئىسپاتى بىرىلىدۇ . ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرلەر كىم ئاشتى قىلىنىپ سېتىلىدۇ ، كىم ئاشتى قىلىنغان باشلىنىش باھاسى 500يۈەندىن باشلىنىپ ،ھەر بىر تاختا كۈتۈرۈش 200يۈەن بۇلىدۇ . قالغان كەپتەرلەر باشلىنىش باھاسى 500 يۈەن بۇلۇپ ،ھەر بىر تاختا كۈتۈرۈش 100 يۈەن بۇلىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىنغان پۇلنىڭ70 پىرسەنتى ئىگىسىگە ، 30 پىرسەنتى كىم ئارتۇق قىلغۇچىغا تەۋە بۇلىدۇ ، ئەگەر كىم ئارتۇققا قاتناشتۇرمىسا ، مۇكاپات پۇلى بىرىلمەيدۇ . كەپتەر سانى قۇيۇپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئەتىسى شىنجاڭ ۋاختى سائەت 7 گىچە 10 غا يەتمىسە ، بارلىق پۇل ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرلىدۇ. ئالاھىدە ھالقا بىر قولدا پۇل ،بىر قولدا ھالقا بىلەن نەخ مەيداندا ئەمىللىشىدۇ، نىسى قىلىنمايدۇ! ئەسكەرتىش : بۇ قېتىمقى ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرغان كەپتەرلەرگە شەخسى تىلفۇن نۇمۇرى سېلىنغان ھالقا ۋە ياكى باشقا جايلىرىغا بەلگە ،تامغۇ بېسىشقا بولمايدۇ .مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۈرۈلسە مۇكاپات نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ. ھەر بىر ئەزانىڭ ھەر بىر مەسىلىنى ئۈزى بىلەن ياخشى كېڭىشىپ ، ئويلۇشۇپ قارار چىقىرىشنى سۇرايمىز ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىلەر ھەقىقى ،ئادىل ، ئاشكارا بۇلۇپ ، كەپتەرنىڭ ئەڭ ئىسىلىنى تاللايدىغان ، ئەركەكلەرنى تاللايدىغان مۇسابىقە ، ئىككىلىنىپ قالغانلار ئەڭ ياخشىسى قاتناشماڭ ! تاپشۇرغان پۇل ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ. 

نىيە ناھىيىلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ16-كۈنى

免责声明:本网凡是由用户发布的文字、图片、音视频等资料,其真实性、准确性和合法性由信息发布人自行承担,并负法律责任。赛鸽资讯网不提供任何保证,并不承担任何法律责任。
相关文章
评论列表
该信息禁止评论